باش بەت

نىجات

443يوللانما
56مەستانە

تۇرمۇشىمىزدىكى ئاچچىق ئەمما دەل تېگىدىغان ھەقىقىي سۆزلەر

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 22:05 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

1. بىزنىڭ بۇ يېشىمىزدا تەقدىرىمىزنى بەلگىلەۋاتقان ئىككى نەرسە بار، بىرى يانچۇقىڭىزدىكى پۇل، يەنە بىرى ئەينەكتىكى تۇرقىڭىز. 

2. مېنى ئەخمەق كۆرمىسىڭىز قانداق، بەزى ئىشلارنى مەن بىلمەيمەن ئەمەس، بەلكى يۈزىڭىزگە سالمىدىم خالاس. 

3. سىز نېمىنى كۆپ ئويلىسىڭىز، شۇ سىزنى ئەڭ ئازابلايدۇ. «كۈتۈش» بولسا ئازابنىڭ مەنبەسى. 

4. بەزىدە يىراقلىشىش ئۆچ كۆرگەنلىكتىن ئەمەس، بەلكى بەك ياخشى كۆرۈپ ئامالسىز قالغانلىقتىن. مېنىڭ قۇرۇق ئۈمىدنى قۇچاقلاپ، سېنىڭ يولۇڭغا تەلمۈرگۈم يوق. 

5. مەن شۇ ھەممە ئىشنى ئىچىمگە يۇتۇپ، گەپ قىلىشنى ۋە ئاچچىقلىنىشنى خالىمايدىغان، ئەمما سەۋر قاچام توشۇپ ئىچىمگە پاتمىغاندا «خوش» دەپ سىزنى يولغا سېلىپ قويىدىغان ئادەم. 

6. باشقىلار سىزنى ناھايىتى مەدەنىي، ئەدەپلىك دەپ ئويلايدۇ، ئەمما چارچاپ كەتكەندىكى ئاشۇ ھالىتىڭىزنى كۆرسە قانداق بولۇپ كېتەر؟

7. ئېغىر بېسىقلىقنى ساقلاشنىڭ مەخپىيىتى: «سوئال: كۈندىلىك تۇرمۇشتا ساراڭلارغا ئۇچراپ قالساق قانداق قىلىمىز؟ جاۋاب: ئۇنىڭ بارلىق كۆز قاراشلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، ئۇنى چوڭ ساراڭ قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىمىز». 

8. سوئال: ئادەملەر نېمىشقا ياقا سىقىشىپ ئۇرۇشۇپ كېتىدۇ؟ جاۋاب: چۈنكى جايىدا ئولتۇرۇپ تۇرۇپ قارشى تەرەپنى بىرەر شاپىلاق ئۇرغىلى بولمىسا!

9. بەزىدە ئىچ-ئىچىمدىن شۇنداق ھايات ھەقىقەتلىرىنى ۋە ھەرخىل پەلسەپەلەرنى سۆزلىگۈم كېلىپ كېتىدۇ، ئەمما ھەر قېتىم گەپ ئاغزىمغا كەلگەندە غايىبتىن شۇنداق بىر سادا كېلىدۇ: «نېمە قىلىپ كەتكەن ئىشلىرىڭغا سۆزلەپ كېتسەن، سېنىڭ سالاھىيىتىڭ بارمۇ؟ سىيىپ كىرىپ ئۇخلاپ قال!». 

10. مەن ئاچچىقلانغاندا ماڭا قائىدە سۆزلىمەڭ، مەن بىر گاس. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号