باش بەت

كىنوچى

3606يوللانما
189مەستانە

گىرېزمان: مەن سىمونېغا قەرز ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 18:27 5 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 16-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر سائەت 2:45تە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مارسېل بىلەن مادرىد ئاتلېتكا مۇسابىقىلىشىدۇ. مۇسابىقىدىن بۇرۇن مادرىد ئاتلېتكا ھۇجۇمچىسى گىرېزمان ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئورگان تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ سىمونېغا قەرز ئىكەنلىكىنى، ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە كوستانىڭ ئۆزىگە قىلغان ياردەملىرىگە رەھمەت ئېيتقان.

ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى توغرىسىدا: «ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئىنتايىن مۇھىم چېمپىيونلۇق ھېسابلىنىدۇ. مەن بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىپ باققان، مانا ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ چېمپيونلۇقىغا ئېرىشىش ئالدىدا تۇرماقتىمەن ھەمدە بۇنى باشلىنىش نۇقتىسى دەپ بىلدىم. مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن سەپداشلىرىمغا ياردەم قىلىشقا ئىنتىلىۋاتىمەن. كۇلۇبقا نىسبەتەن، بۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم چېمپىيونلۇق، بىزنىڭ ئەڭ قالتىس كوماندا بىلەن تىركىشەلەيدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىيالايدۇ.»

مادرىد ئاتلېتكا باش ترېنېرى سىمونې توغرىسىدا: «سىمونېنىڭ كۇلۇب ئۈچۈن قىلغان بارلىق ئىشلىرى تارىخقا ئورناپ كەتكەن، بۇ ماڭا فېرگۇسوننىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى ئەسلىتىدۇ. مەن سىمونېنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش كەسپىي ھاياتىنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇ بۇنىڭغا لايىق. سىمونې كوماندىنى ئۆزى كۈتكەن ھالەتكە ئېلىپ كەلدى ھەمدە يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايەن قىلدى، مەن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇ مېنىڭ كەسپىي ھاياتىم ۋە شەخسىي جەھەتتىنمۇ زور ياردەملەرنى قىلدى، ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى. ئۇ دائىم مەندىن ئەڭ ياخشى ھالىتىمگە كېلىشىمنى، ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىدارىمنى نامايەن قىلىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ، مەنمۇ مەڭگۈ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىمەن، ئۈنىڭ ئۈچۈن مۇسابىقىلەردە غەلىبە قىلىشقا تىرىشىمەن. مەن ئۇنىڭدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم، مېنىڭچە تېخنىكا ۋە تاكتىكىلىق ئىقتىدارى، مۇداپىئە سەۋىيەسى جەھەتتە، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ترېنېر. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشال، ئۇ ھەممەيلەننىڭ ئاجىز تەرىپىنى تېپىپ چىقىدۇ ھەمدە بۇ ئاجىز نۇقتىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىدۇ، سىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلالايدۇ.»

گىرېزمان يېقىندىن بۇيان بارسېلونا بىلەن باغلىنىپ كەلدى، ئۇنىڭ سىمونېغا قەرزدەك ھېس قىلىشلىرىدىن مادرىد ئاتلېتكىدىن ئايرىلىش مۇمكىنچىلىقىنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

ئۇ يەنە كوماندىدىكى سەپدىشى كوستا ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «كوستا ماڭا نۇرغۇن ياردەملەرنى بەردى، ئۇ مېنى ئارقا مەيدان ۋە ئوتتۇرا مەيداندا تېخىمۇ كۆپ بوشلۇققا ئىگە قىلدى، ئۇ مېنىڭ يېنىمدىكى 9-نومۇرلۇق توپچى، شۇاڭ مەن ئۇنىڭغا ياخشى پاسلارنى بېرىشكە تىرىشىمەن. گەرچە مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توپ تەپكەن ۋاقتىم ئۇزۇن بولمىسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ئىزچىل ئىنتايىن ياخشى بولۇپ كەلدى. مەن كۇلۇب ۋە سىمونېنىڭ ئۇنى قوشۇۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن.»

باش سۈرەت تاللاش x
  • BBC ھۇجۇم گۇرۇپىسى، سىلو، بېنزىما، بېل1 ھەپتە ئىلگىرى

    مانا گىرىزمان قەرىزىڭىز تۈگىدى

  • گىگانىت چولپان رونالدو1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇيىلقى ئىتتپاق لوڭقسى ئاساسى جەھەتتىن سىلەرنىڭ گىرىزىمان مارسل كۇلۇبى گەرچە ھەل قىلغۇچقا كىرسىمۇ سىلەردىن لوڭقىنى ئاسان تارتىۋالالمايدۇ ھەم بۇمۇ سىلەرنىڭ بۇ پەسلىدە قولغا كەلتۈرمەكىچى بولغان تۇنجى لوڭقاڭلار ، سىلەر ئىتتپاقىنى ئاكاڭلار ئۇزغۇنلۇقىنى ئىلىپ قوشماق مادىرىد بىزگە بىر مەيدان مادىرىد دىربى ئاتا قىلىشڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن

  • 皇家Madrid7号1 ھەپتە ئىلگىرى

    مادىرىد ئاتلېتكا ئۇتىدۇ

  • ..曼联 ..cR71 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ پەسىلدىن كىيىن مەن كوماندىدىن ئايرىلىمەن دىمەكچىما بۇ

  • …………………1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەمدى رەسمى ئاشكارلاپتۇ بۇ قەلبنى ،،،ئاتلېتىكدىن كىتدىكەن زادى گىرزمان بارسېلوناغا،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号