باش بەت

ئادىلجان

8989يوللانما
127مەستانە

رۇسىيەنىڭ سىبېرىيەدە دالا ئوت ئاپىتى يامرىدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 19:14 0 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 16-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا رۇسىيەنىڭ سىبېرىيەدىكى بىر تۆمۈر يول يېنىدا دالا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، بۇ ھەقتىكى ۋېدىيودا بىر پويىزنىڭ ئوت دېڭىزىغا كىرگەن كۆرۈنۈشى خاتىرىلەنگەن. سىبېرىيەنىڭ بىر قىسىم رايونلىرى دالا ئوت ئاپىتىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامۇر دەريا ساھىلىدىكى كومسومول شەھىرى ئوت ئىچىدە قالغان، ھەممىلا يەرنى تۇمان قاپلىغان. پۈتكۈل رۇسىيەدىكى ئوت كەتكەن جاينىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 61 مىڭ 400 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتكەن. 

پويىز شوپۇرى سىبېرىيە تۆمۈر يولىنىڭ تارمىقى بولغان بايقال-ئامۇر تۆمۈر يولى ئەتراپىدا ئوت ئاپىتىنىڭ كۆلىمى بەكلا چوڭ ئىكەنلىكىنى بايقىغان ۋاقىتتا: «مەن مۇشۇنداق جاپالىق مۇھىتتا خىزمەت قىلىمەن ۋە تۇرمۇش كەچۈرىمەن» دېگەن. شوپۇر شىددەت بىلەن كۆيۈۋاتقان ئورماندىكى ئىس-تۈتەك ئارىسىدا پويىزنى ھەيدەپ بىر بۆلەك يولنى باسقان. 

ئوت خاباروۋىسكى رايونىدىكى ئامۇر دەرياسىدىكى تۆپىلىككە يامرىغان ۋاقىتتا شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ئالاقىدار ئورۇنلارنى «يارىماس» دەپ ئەيىبلىگەن. مەلۇم بىر ئاھالە ئوت ئاپىتىنىڭ ۋىدىيوسىنى ئېلان قىلغان ھەمدە ئوت ئاپىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنە بەزى ئاھالىلەر ئىس-تۈتەكنىڭ بەكلا چوڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئالاقىدار ئورۇنلاردىن ئايروپىلان ۋە تىك ئۇچار ئىشلىتپ ئوتنى ئۆچۈرمىگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن. 

ئەمەلدارلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامۇر رايونى ئوت ئاپىتىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 388 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتكەن ئاپەتكە ئېغىر ئۇچرىغان رايونلارنىڭ بىرى ئىكەن. ھەر يىلى رۇسىيەنىڭ شەرقىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئېغىر بولغاندا ئىس-تۈتەك دېڭىز-ئوكياندىن ئۆتۈپ شىمالىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىغا يېتىپ بارىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号