باش بەت

نۇسرەتگۈل

8453يوللانما
213مەستانە

ئەنگىلىيەلىك كىچىك بالا ئېگىز جايدىن شارقىراتمىغا چۈشۈپ كېتىپ ھېچقانداق يارىلانمىدى

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 19:00 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 16-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 13-ماي ئەنگىلىيەدىكى بىر ئۈچ ياشلىق بالا ئاچىسى بىلەن شىمالىي ۋەلېس ۋىلايىتىدىكى Llanrhaeadr شارقىراتمىسىغا بارغاندا ئېھتىياتسىزلىقتىن پۇتى تېيىلىپ تەخمىنەن 45.72 مېتىر ئېگىزلىكتىن چوڭقۇرلۇقى 0.6 مېتىر كېلىدىغان سۇغا چۈشۈپ كەتكەن، ئاچىسى ئۇنى قۇتقۇزىمەن دەپ قىيادىن سىيرىلىپ بىر دەرەخكە سوقۇلغان. بىراق، بەختكە يارىشا، ھەر ئىككەيلەن ھېچقانداق زەخمىلەنمىگەن.

ھادىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن فېش Llanrhaeadr شارقىراتمىسى مەنزىرە رايونىنىڭ ھەر ئايدا نەچچە يۈز ئادەمنى جەلپ قىلىدىغانلىقىنى، ئۇ ئاچا-ئىنىنى ئېھتىمال شارقىراتمىنىڭ «سىرلىق كۈچى» قوغداپ قالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. ۋەلېس تەرەپ قۇتقۇزغۇچىلار باياناتچىسى ھادىسە يۈز بەرگەندە قۇتقۇزغۇچى تىك ئۇچار ۋە بىر نەچچە داۋالاش خادىمى يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号