باش بەت

ئادىلجان

7509يوللانما
128مەستانە

تويوتانىڭ ھىدروگېن يېقىلغۇ باتارېيەلىك ئاپتوبۇسى Sora ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلىدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 19:22 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 16-مايدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا ئاپتوموبىل تاراتقۇسىنىڭ 5-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تويوتا ياپونىيەدە ھىدروگېن يېقىلغۇ باتارېيەلىك ئاپتوبۇس Soraنى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان. تويوتانىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2020-يىلىدىن بۇرۇن 100دىن ئارتۇق Soraنى ئىشلەپچىقىرىپ ئولىمپىكقا ئىشلىتىدىكەن. 

Soraنىڭ لايىھەسى ئەنئەنىۋى ئالتە تەرەپلىك ئاپتوبۇسقا كۆرۈنەرلىك ئوخشىمايدۇ. بۇ ئاپتوبۇسقا LED ئالدى چوڭ چىراغ ۋە قۇيرۇق چىراغ تېخنىكىسى ئىشلىتىلىپ، بۇ ھىدوگېن يېقىلغۇ باتارېيەلىك ئاپتوبۇسنىڭ پەرقلەندۈرۈشچانلىقى كۈچەيتىلگەن. بۇ ئاپتوبۇسنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10.525 مېتىر، 19 نەپەر يولۇچى سىغىدۇ، 22 ئورۇن، 56 ئۆرە تۇرۇش ئورنى ۋە بىر شوپۇر ئورنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

Soraغا 114 كىلوۋاتلىق ئىككى يېقىلغۇ باتارېيە سەپلەنگەن، ئايرىم-ئايرىم 113 كىلوۋاتلىق ئۆزگىرىشچان ماس قەدەملىك توكلۇق ئېلېكتىر ماتورغا توك تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، Soraقا يەنە NiMH سەپلىنىپ كىچىك باتارېيە قىلىنغان. 

بۇ ئاپتوموبىلدىكى 10 باك ھىدروگېن گازى (70MPaلىق بېسىمدا قاچىلانغان 600 لېتىر گاز) ئەنئەنىۋى ئاپتوبۇستىكى بىر باك ماي بىلەن باراۋەر. بۇ ئاپتوموبىلغا يەنە سىرتقى قىسىم جىددى توك تەمىنلەش سسىتېمىسى، يەنى ئالاھىدە تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ سەپلەنگەن، CHAdeMOنى ئاپتوبۇسقا ئۇلاپ، توققۇز كىلوۋاتلىق قۇۋۋەتتە توك تەمىنلىگىلى بولىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号