باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

11367يوللانما
1449مەستانە

جاۋ لىيىڭ ۋاستىچىسى بىلەن بىللە نامايەن بولۇپ ئۆسەك سۆزلەرگە جاۋاب قايتۇردى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 20:39 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورىنىڭ تاماشا خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

16-ماي، جامائەتنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولمىغىلى خېلى بىر مەزگىل بولغان جاۋ لىيىڭ خاڭجۇدا مەلۇم پائالىيەتكە قاتناشتى. ئۇنىڭ يېنىدا ۋاستىچىسىمۇ ئەگىشىپ ماڭغان بولۇپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېگىز پاشىنلىق ئاياغ كىيىۋالغان جاۋ لىيىڭنى يۆلىۋېلىپ، كۆيۈمچانلىقىنى نامايەن قىلغانىدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن، توردا جاۋ لىيىڭ بىلەن ۋاستىچىسى خۇاڭ بىڭنىڭ چىقىشالماستىن داۋاملىق توختاملاشمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالغان. بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە ئىككەيلەن بىرلىكتە نامايەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ ئاۋۋالىقدەكلا ئىنتايىن ياخشىلىقىنى، داۋاملىق ھەمكارلاشمايدۇ دېگەن سۆزلەرنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى. 

شۇ كۈنى جاۋ لىيىڭ ئۇچىسىغا مۈرىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كەشتە تىكىلگەن مۇراسىم كۆينىكىنى كىيىۋالغان بولۇپ، ئۈنچە-مەرۋايىتلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، بەئەينى ھۆر-پەرىلەرگىلا ئوخشاپ قالغانىدى. 

ئىشەنچىلىك بىرسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جاۋ لىيىڭ داۋاملىق كۈتۈنۈشنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، «جۇڭگوچە ئاشپۇزۇل»نىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىنى سۈرەتكە ئېلىشقا قاتناشمايدىكەن. يېقىندا ئۇ يېڭى فىلىم ئىشلەشنىمۇ ئويلاشمىغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号