باش بەت

نۇسرەتگۈل

8453يوللانما
213مەستانە

ئەنگىلىيە خان جەمەتىنىڭ 70 نەچچە يىللىق توي مۇراسىملىرىغا نەزەر

مەنبە:ۋاڭيى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 19:04 0 ئىنكاس چۈشتى

ۋاڭيى تورى 16-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

5-ئاينىڭ 19-كۈنى شاھزادە خاررى بىلەن مېگان ماركىل ۋىندسور قەلئەسىدە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ 2011-يىلى شاھزادە ۋىليام توي قىلغاندىن كېيىن ئەنگىلىيە خان جەمەتى كۈتۈۋالغان يەنەر بىر مەيداندا داغدۇغىلىق توي مۇراسىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا، توي بولۇشتىن ئاۋۋال ئەنگىلىيە خان جەمەتىنىڭ ئۆتكەن 70 نەچچە يىل جەريانىدىكى توي مۇراسىملىرىنى ئەسلەپ ئۆتەيلى.

شۇ جاي ۋاقتى 1947-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى شۇ ۋاقىتتىكى مەلىكە ئېلىزابىت ۋە ئېدىنبۇرگ كېنەزى فىلىپ توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى رىياسەتچى رادىيودا ھاياجانلىنىپ تۇرۇپ: «بىزنىڭ ئېلىزابېت مەلىكىمىز بۈگۈن يېڭى كېلىنچەك بولدى. بۇ بىر <ئەسىر خاراكتېرلىك توي مۇراسىمى> بولۇپ قالىدۇ» دېگەن.

1960-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى ئايال پادىشاھ ئېلىزابېتنىڭ بىردىنبىر سىڭلىسى مەلىكە مارگارىت 1-ئەۋلاد سىنوۋدېن كېنەزى ئانتونىي ئارمستروڭ جونېس بىلەن توي قىلغان.

1973-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ئايال پادىشاھنىڭ چوڭ قىزى مەلىكە ئەننى ئەنگىلىيە ۋەستمىنىستېر چېركاۋىدا شاڭۋېي مارك فىلىپسقا ياتلىق بولغان. بىراق، مەلىكە ئەننى بىلەن فىلىپسنىڭ تويى 1992-يىلى رەسمىي بۇزۇلغان. ئۇ ئاجرىشىپ كەتكەندىن كېيىن ئايال پادىشاھنىڭ سابىق ھەربىي ئەمەلدارى تىم لاۋرېنسقا ياتلىق بولۇپ ئەنگىلىيە خان جەمەتىدىكى 2-قېتىم توي قىلغان تۇنجى مەلىكە بولۇپ قالغان.

1981-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى شاھزادە چارلىز بىلەن دىياننا سىپرىڭ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان داغدۇغىلىق توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، ئەنگىلىيە خان جەمەتىنىڭ ئەزالىرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خان جەمەتىنىڭ ئەزالىرى، سىياسىي ساھەدىكى داڭلىق ئەربابلاردىن بولۇپ 3000 ئادەم سان پاۋلو چېركاۋىغا يىغىلغان، نەچچە مىليون ئامما لوندون كوچىلىرىدا سەلدەك ئاققان. ئەنگىلىيەدىكى ئىككى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى توي مۇراسىمىنىڭ 7-6 سائەتلىك بۆلىكىنى نەق مەيداندىن بىۋاستە كۆرسەتكەن، دۇنيادىكى ئاز دېگەندە 700 مىليون ئادەم بۇ مۇراسىمنى كۆرگەن.

سۈرەتتە، شاھزادە ئاندرېۋ بىلەن ساراھ فېرگۇدون.

سۈرەتتە، شاھزادە ئېدۋارد بىلەن سوفىي جونېس.

شاھزادە چارلىزدىن كېيىن ئۇنىڭ ئىككى ئىنىسى شاھزادە ئاندرېۋ بىلەن شاھزادە ئاندرېۋلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1986-يىلى ۋە 1999-يىلى توي قىلغان.

2005-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى شاھزادە چارلىز بىلەن كامىلا توي قىلغان. بىراق، كامىلا خانىش دىيانناغا ئوخشاش «ۋېلش كېنەز خانىمى» دېگەن نامغا ئېرىشەلمەي «كورنۋېل كېنەز خانىمى» دەپ ئاتالغان.

2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى شاھزادە ۋىليام بىلەن كەيت مىدېلتوننىڭ خان جەمەتى توي مۇراسىمى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان، توي مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شاھزادە بىلەن كېنەز خانىمى بۇككىنخام ئوردىسىغا بارغان، ئەنگىلىيە خەلقى چۆچەكلەردىكىدەك مۇھەببەت ھېكايىسى ۋە بەختلىك نىكاھ تۇرمۇشىنى زوق-شوق بىلەن سۆزلەشكەن.

شاھزادە خاررى بىلەن مېگان 5-ئاينىڭ 19-كۈنى توي قىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، توي مۇراسىمى 19-ماي چۈش سائەت 12دە ۋىندسوردىكى سانت جورج چېركاۋىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن، سائەت 13تە بۇ ئەر-ئايال خان جەمەتى ئاتلىق ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ ۋىندسور كوچىلىرىنى كېسپ ئۆتۈپ ئاخىرىدا ۋىندسور قەلئەسىدىكى سانت جورج زالىغا يېتىپ بارىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号