باش بەت

نىجات

443يوللانما
56مەستانە

يامغۇر سۈيىدە قاپسىلىپ قالغان ئاپتوموبىللارنى دالا ئاپتوموبىللىرى تارتىپ چىقتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 21:15 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2018-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى خېنەن ئۆلكىسى جېڭجۇ شەھىرىدە قاتتىق يامغۇر ياغقان بولۇپ، يامغۇردىن كېيىن جېڭجۇ شەھىرى خۇيجى رايونى تەييۇەن يولىدا يامغۇر سۈيى يىغىلىپ، چوڭقۇرلۇقى بەلدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. يىغلىۋالغان سۇلار ھەتتا ماشىنىنىمۇ چۆكتۈرۈپ، ماشىنىنى مىدىرلاتقىلى بولمىغاچقا، نۇرغۇنلىغان ماشىنا ئىگىلىرى نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن ئاشقاندىن كېيىن، بۇ يول بۆلىكى قاتتىق قىزىپ كەتكەن. نۇرغۇن دالا ئاپتوموبىللىرى بۇ جايغا يېتىپ كېلىپ قۇتقۇزۇشقا ياردەملەشكەن. 

بۇ دالا ئاپتوموبىللىرى بېيجىڭ BJ40 تىپلىق بولۇپ، ئاپتوموبىل ئىلگىرى بۇ جايغا يېتىپ كېلىپ، ھەقسىز قۇتقۇزۇشنى باشلىۋەتكەن. 

بەزى دالا ئاپتوموبىللىرىنىڭ باھاسى نەچچە مىليوندىن ئېشىپ كېتىدىغان بولۇپ، دالا ئاپتوموبىللىرى سۇغا چۆكۈپ كەتكەن ماشىنىلارنى بىمالال سۆرەپ ئېلىپ چىقتى. 

سۈرەتتە: بىر دالا ئاپتوموبىلى چوڭقۇر سۇغا پېتىپ قالغان بىر ئاپتوموبىلنى تارتىپ چىقارماقتا. 

تەگلىكى ناھايىتى ئېگىز بولغان دالا ئاپتوموبىلى، سۇدا ھېچقانداق توسالغۇسىز ماڭماقتا. 

سۈرەتتە: قۇتقۇزۇش داۋاملاشماقتا، نۇرغۇنلىغان شەھەر ئاھالىلىرى بۇ جايغا كېلىپ قۇتقۇزۇش نەق مەيداننى كۆرمەكتە.

بۇ قېتىمقى ئاپەتتە دالا ئاپتوموبىللىرى خېلى كۆپ چۆكۈپ كەتكەن ماشىنىلارنى بىخەتەر رايونغا سۆرەپ ئېلىپ چىققان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • taxi1 ھەپتە ئىلگىرى

    جېپ ماركىلىق يىلقىچى ناملىق ئاپتوموبىل
    BJ40 دىن بىرسىمۇ يوقكەن بۇ رەسىمدە

  • 189******551 ھەپتە ئىلگىرى

    jeepپادىچى ماشىنىسى،ئوغلۇمنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号