باش بەت

كىنوچى

3609يوللانما
189مەستانە

بارسېلونانىڭ 43 مەيدان ئۇتتۇرماسلىق رېكورتىدىكى ئاساسلىق سانلىق مەلۇماتلار

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 20:57 5 ئىنكاس چۈشتى

دوڭچيۇدى تورى 16-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بارسېلونانىڭ ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە ئۇتتۇرماسلىق رېكورتى 43 مەيداندا توختاپ قالدى. بارسېلونا ئورگان تورى كوماندىنىڭ ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى بۇ رېكورتنى يارىتىشى ئۈستىدە قىسقىغىنە سىتاتىستىكا تۇرغۇزغان بولۇپ، بەزى سانلىق مەلۇماتلارنى تىزىپ چىققان.

ئۇتتۇرماسلىق نەتىجىسى: 39 قېتىم غەلىبە قىلىپ، توققۇز قېتىم تەڭلەشكەن نەتىجە ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى بىرلەشمىنىڭ يەتتە ئايلانما مۇسابىقىسىنى ۋە بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى 36 ئايلانما مۇسابىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بارسېلونا بۇ 43 مەيدان مۇسابىقىدە جەمئىي 111 نومۇرغا ئېرىشكەن، 122 توپ كىرگۈزگەن ھەمدە ئارانلا 33 توپ كەتكۈزگەن.

43 ئايلانما مۇسابىقە بىر يىلدىن ئاشقان ۋاقىتقا سوزۇلغان بولۇپ، بارسېلونا جەمئىي 394 كۈچ ئىچىدە ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە ئۇتتۇرماسلىق رېكورتىنى داۋاملاشتۇرغان، بۇ رېكورت شۇ جاي ۋاقتى 2017-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى 2:3 نەتىجە بىلەن خانلىق جەمئىيەتنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدىن باشلىنىپ، 2018-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى 5:4 نەتىجە بىلەن لېۋانتقا ئۇتتۇرغان مۇسابىقىدە ئاياغلاشقان.

توپچىلار جەھەتتە: بۇ 43 مەيدان مۇسابىقىدە جەمئىي 29 نەپەر بارسېلونا توپچىسى مەيدانغا چىققان بولۇپ، مېسى بىلەن تېرستېگېن بۇ 43 مەيدان مۇسابىقىنىڭ 42 مەيدانىغا قاتناشقان، دەل مېسسى ئارام ئالغان مۇسابىقىدە بارسېلونا لېۋانتقا ئۇتتۇرۇپ قويغان.

بىرىنچى مەرگەن يەنىلا مېسسى، ئۇ بۇ 43 مەيدان مۇسابىقىدە 44 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، پۈتۈن كوماندا كىرگۈزگەن 122 توپنىڭ 1/3نى ئىگەللىگەن، شۇنداقلا 14 ياردەمچى پاس چىقىرىپ بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

سۇئارېز بۇ 43 مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا ئۈچۈن 29 توپ كىرگۈزگەن ھەمدە 12 ياردەمچى پاس چىقارغان بولۇپ، بۇ ئىككى سانلىق مەلۇماتتا پەقەت مېسسىنىڭلا ئارقىسىدا تۇرغان.

راكىتىچ بارسېلونانىڭ ئۇتتۇرماسلىق رېكورتىدىكى بىرىنچى پاس بەرگۈچى بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا جەمئىي 2732 قېتىم پاس بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 2453 پاس مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سەپداشلىرىنىڭ پۇتىغا تەگكەن بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %89.78كە يەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ 40 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئۈچ توپ كىرگۈزگەن ھەمدە توققۇز ياردەمچى پاس چىقارغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئەۋلىيا ئەزەم1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھە راس …رەنالدونىڭ نۇقتا توپ تىلەپ تىلەمچىلىك قىلغان قېتىم سانىمۇ با ………كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما……

  • ئەۋلىيا ئەزەم1 ھەپتە ئىلگىرى

    رېپىرنى سېتۋاغان، مەيداندا ئۇيۇن قويغانلانىڭ سانلىق مەلۇماتى ياۋروپا چىمپىيۇنلۇقىنىڭ سىتاستىكىدا چىقىدۇ ………خاتىرەڭنى جەم قىل ، يۇندا قۇلاق………

  • تۇرسۇن باي1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىككى تەرەپتىكى قاۋايدىغان ھاڭرايدىغان مەستانىلەرنى كەڭرى ئىغىلدىن بىرگە يىغىپ ئەكىرىپ قويساق دەيمەن

  • قارا خەنجەر1 ھەپتە ئىلگىرى

    رېپىرنى سېتىۋېلىپ ،رېپىرنىڭ كۆزىنى بوياپ ئۇسسۇل ئويناپ ئارتىسلىق قىلىش توغرۇلۇق سانلىق مەلۇمات يوللانماپتۇغۇ؟ سۇئارىزنىڭ ھاڭراش قېتىم سانى ئاندىن،،،

  • XaX7311 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ 43 مەيدان مۇسابىقىدە جەمئىي 29 نەپەر بارسېلونا توپچىسى مەيدانغا چىققان بولۇپ، مېسى بىلەن تېرستېگېن بۇ 43 مەيدان مۇسابىقىنىڭ 42 مەيدانىغا قاتناشقان، دەل مېسسى ئارام ئالغان مۇسابىقىدە بارسېلونا لېۋانتقا ئۇتتۇرۇپ قويغان.مېسسىغا تايىنىۋېلىش دېگەن مانا شۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号