باش بەت

نۇسرەتگۈل

8452يوللانما
213مەستانە

ئامېرىكىلىق ئەر-ئايال تېپىۋالغان نۇرغۇن بايلىق سېلىنغان ساندۇقنى ئىگىسىگە قايتۇردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 20:50 7 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 16-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك ئىشتاتى سىتەيتېن ئارىلىدا تۇرىدىغان مەسېۋ (Matthew) ۋە مارىيە (Maria) ئەر-ئايال يېقىندا «ئۇچۇپ كەلگەن ئامەت»كە يولۇقتى. بىراق، بۇ ئامەت ئۇچۇپ كەلمەي، بەلكى يەر ئاستىدىن كولاپ چىقىرىلدى.

ئىككەيلەن ئارقا ھويلىسىنى تازىلاۋاتقاندا بىر كونا ساندۇق بايقىدى. دەسلەپتە ئۇلار بۇنى كونا كابېل ساندۇقى بولۇشى مۇمكىن دەپ قاراپ تاشلىۋەتمەكچى بولدى. بىراق، ئۇلار تېزلا بۇنىڭ ئىچىگە توك سىمى سېلىنمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىر بىخەتەر ساندۇق ئىكەنلىكىنى، ئىچىدە نۇرغۇن نەق پۇل ۋە ئۈنچە-مەرۋايىت بارلىقىنى بايقىدى.

ساندۇقتىن جەمئىي 100 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۈزۈلگەن 52 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (خەلق پۇلىدا 330 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك) ۋە ئالماس، قىزىل ياقۇت، نەچچە ئون ئۈزۈك، ئالتۇن يالىتىلغان قاشتېشى بايقالدى. ساندۇقتا بۇ بايلىقلاردىن باشقا، يەنە بىر قەغەز بار بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر ئادرېس يېزىلغانىدى. ئەر-ئايال ئىككەيلەن بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران قېلىپ مەھەللىسىدىكىلەردىن ئۆيىگە ئوغرى كىرگەن-كىرمىگەنلىكىنى سورىدى. دەرۋەقە بۇ بىخەتەر ساندۇق 2011-يىلى ئوغرىلاپ كېتىلگەن بولۇپ، يەتتە يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكى بولمىغان.

مەسېۋ زىيارەت قىلىنغاندا ئەتراپتىكى ياۋا بۇغىلارنىڭ دائىم ئۆزلىرىنىڭ ئارقا ھويلىسىدىكى دەرەخلەرنى يېگىلى كېلىدىغانلىقىنى، ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ ئۇلاردىن بىزار بولۇپ ئارقا ھويلىسىنى تازىلاپ كۆچەت تىكمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق، ئۇلار بۇ ئىشتا توغرا قارار چىقىرىپ نەرسىلەرنى ئىگىسىگە قايتۇردى. ئايالى مارىيە: «بەزىلەر بىزدىن نېمىشقا قايتۇرۇۋېتىدىغانلىقىمىزنى سورىدى. بۇ تولىمۇ ئاددىي سوئال. چۈنكى ئۇ نەرسىلەر بىزنىڭ ئەمەس» دېدى.

گەرچە ئۇلار ياخشى ئىش قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق ھەقكە ئېرىشەلمىدى. ھازىر بۇ ساندۇق بايقالغان جايغا ساپالدىن ياسالغان كىچىك پىل ھەيكىلى قويۇلۇپ ئۇلارنىڭ «تاساددىپىي ھالدا بايلىققا ئېرىشكىنى»نىڭ كىچىك خاتىرىسى قىلىندى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 斯尔达西1 ھەپتە ئىلگىرى

    تېپىۋالغۇچىلار ناھايىتى سېخى مەرىت ئادەملەركەن، مال ئىگىسنىڭ پىخسىقلىقىغا قاراپ ئۇ ساندۇقنى ئىككىنچى قېتىم يەنە يۈتۈپ كەتسىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم

  • Fahri1 ھەپتە ئىلگىرى

    راست بۇ ئەر ئاياللار بەكلام ئېسىل ئادەملەر ئىكەن، مالنىڭ ئىگىسى يەتتە يىل ئىزدىگەن بولغاندىكىن ئازراق بولسىمۇ رەھمىتىنى بىلدۈرمەپتۇ ھەقىقەتەن پىخسىق ئادەمكەن

  • رەنجىمە كۆڭلۈم1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىگىسى ئاز بولسىمۇ كۆڭلىنى بىلدۈرۈپ قويسا بولمامدۇ

  • سېھىرگەر1 ھەپتە ئىلگىرى

    ساندۇقنىڭ ئىگىسى رەھمەت ئېيتمىغانمىدۇ، قانداقراق تەسىراتتا بولغاندۇ

  • مەن شۇ1 ھەپتە ئىلگىرى

    تۈگىدىما ؟………………………

  • توغراق،شاھى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ياخشىلار ئاپىرىن! رەخمەت

  • گۈلبەشىكەر1211 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىسىل ئادەملەركەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号