باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

11362يوللانما
1449مەستانە

ئاق كېسەلگە گىرىپتار مودېل خەلقئارالىق سەھنىلەردە چاقنىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 22:50 4 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا 71-نۆۋەتلىك كاننېس خەلقئارا كىنو بايرىمىدا، ئاق كېسەلگە گىرىپتار كانادالىق دەرىجىدىن تاشقىرى مودېل ۋىينى خالوۋ قىزىل گىلەمدە ماڭدى. ئۇ باشقىلارنىڭ قانداق قارىشى بىلەن ھېسابلاشماي، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ۋە ئەڭ ياخشى بەدەن شەكلىنى نامايەن قىلدى.

94-يىلى تۇغۇلغان خالوۋ كىچىكىدىن باشلاپلا ئاق كېسەلگە گىرىپتار بولغاچقا، باشقىلار ئۇنى «سىيىر»، «تاغىل ئات» دەپ مەسخىرە قىلغان. مۇشۇ كېسەل سەۋەبلىك ئۇ مەكتەپتە خېلى كۆپ بوزەك قىلىشقا ئۇچرىغان. ھەتتا ئوقۇشتىنمۇ چېكىنگەن. ئۇمۇ ئىلگىرى بىر نۆۋەت قاتتىق چۈشكۈنلىشىپ، تۇرمۇشنى مەنىسىز دەپ قاراپ، ئۆلۈۋالماقچىمۇ بولغان.

بىراق، ئۇنىڭ ئاپىسى باشتىن-ئاخىرى ئۈمىدتىن ۋاز كەچمەي، ئىزچىل قىزىنى كۈلۈپ تۇرۇپ تۇرمۇشقا يۈزلىنىشكە رىغبەتلەندۈرگەن. ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا كالىفورنىيەگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، خالوۋ يېڭى تۇرمۇشىنى باشلاشنى قارار قىلغان. ئۇ تېرىسىدىن باشقا يەنە ۋۇجۇدىدا نۇرغۇنلىغان يارقىن نۇقتىلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدى. مەسىلەن، ئۇنىڭ بەدەن شەكلى ئۆلچەملىك بولۇپ، يەنە تېخى گۈزەل يۈز قۇرۇلۇشىغا ئىگە.

ئۇنى ھەقىقىي تۈردە شان-شەرەپلىك دەرىجىدىن تاشقىرى مودېل يولىغا قەدەم ئايلاندۇرغىنى «پۈتكۈل ئامېرىكىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى مودېل» ناملىق پىروگىرامما بولدى. خالوۋ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا «دەرىجىدىن تاشقىرى مودېل ئانىسى» تارا بەنكسنىڭ قېزىپ چىقىشى بىلەن پىروگىراممىغا قاتناشقان. ئارقىدىن پىروگىراممىدا شاللىنىش، قايتىدىن جانلىنىش قاتارلىق كومېدىيەلىك جەريانلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن. گەرچە ئۇ ئەڭ ئاخىرغىچە ماڭالمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ كۈچلۈك خاسلىقى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.

ئارقىدىن، خالوۋ مودا ژۇرناللىرىنىڭ سۈرەتلىرىگە چىقىپ، ماركا ئۈچۈن سەھنىدە ماڭدى. ئۇنىڭ چولپانلىق سەپىرى ئەزەلدىن دەرد-تالاش قوزغاپ كەلگەن. بىراق ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئاز بولمىغان پاراڭ تېمىسى ۋە دىققەت قىلىشلارنى يارىتىپ بەرگەن ھەتتا گىرىمچىك ساھەسىدىمۇ بىر مەھەل «ئاق كېسەلنى دوراش گىرىمى» ئېقىمى ئەۋج ئالغان.

شۇ مەزگىلدە ئۇ يەنە TED، داۋوس قاتارلىق سەھنىلەردە مېڭىپ، كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ كىشىلەرنى مۇكەممەل بولمىغان بەدەن شەكلىنى قوبۇل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، تۇرمۇشقا ئىشەنچ بىلەن يۈزلىنىشنى ئېيتقان.

2015-يىلى، GQ ژۇرنىلى ئۇنىڭغا «يىللىق نەمۇنىلىك مودېل» مۇكاپاتى بەردى. بۇلتۇر ئۇ يەنە كانادا نۇسخىسدىكى ELLE ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىقىپ، BBC تەرىپىدىن 2017-يىلىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە 100 خانىم-قىزلارنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • gulnuri1 ھەپتە ئىلگىرى

    بەك قەيسەركەن باركاللا، لىكىن ھەر قىتىم كۆرسەم يۈز تىرسىگە بىر قات قارا رەڭلىك تىرە چاپلىۋالغاندەك بەك سويوۋەتكۈم كەپ كىتىدكەن

  • 1213ziba1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۆزى راسلا بەك چىرايلىقكەن بولمىسا ئېسىت

  • tanha gul1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ قىزغا شەخسەن مەن بەك قول قويىمەن

  • X-MEN1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن قەيسەركەنسىز غەيرەت قىلىڭ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号