باش بەت

گۈلنىسا

235يوللانما
16مەستانە

بالىلارنى قانداق ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 22:54 0 ئىنكاس چۈشتى

سوۋخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولۇش جەريانىدا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بالىلارنىڭ مۇھەببەتنى ھېس قىلىشى ۋە غۇرۇرىنى كۈچلۈك قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. بالىلارنى توغرا ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ قانداق پىرىنسىپى ۋە ئۇسۇلى بار؟ 

بالىلارنى قانداق ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك؟

ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكى پىرىنسىپنى ئىگىلىشى كېرەك:

1. ئىجابىي مۇئەييەنلەشتۈرۈش

«قىلالىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەندىن كۆرە «قىلالايدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن!» دېيىش كېرەك، كېيىنكىسى بالىلارنىڭ داۋاملاشتۇرۇش ئىشەنچىنى ئاشۇرىدۇ؛ ئالدىنقىسىدىن بالىلار ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىپ، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئاسانلا يېرىم يولدا توختاپ قالىدۇ.

2. مۇۋاپىق تەلەپ قويۇش

بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ۋاقىت كېتىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا تەلەپ قويغاندا، بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىنى ئويلىشىپ، بالىلار «ئازراق سەكرىسە» يېتەلەيدىغان نىشان بېكىتىپ بەرسە بولىدۇ.

مەسىلەن: ئاتا-ئانىلار 1-يىللىقتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ ئەستايىدىل ئاڭلاشنى تەلەپ قىلسا بۇ ئېنىقلا ئانچە مۇۋاپىق بولمايدۇ. ئاتا-ئانىلار باشتىن-ئاخىر بالىلىرىغا بەك يۇقىرى تەلەپ قويسا، بالىلاردا يۆلەكسىزلىك تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ، غۇرۇرى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.

3. قوش ئۆلچەم قويۇشتىن ساقلىنىش

ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا قويغان بارلىق تەلەپنى چوقۇم ئۆزى ئورۇندىيالىشى، سۆز-ھەرىكىتى بىلەن ئۆزى ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

4. بالىلارنىڭ كەمچىلىكىنى قوبۇل قىلىش

ھەر بىر بالىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى ۋە كەمچىلىكى بار. ئاتا-ئانا بولغۇچى چوقۇم كەمچىلىك بىلەن خاتالىقنى ئېنىق ئايرىشى كېرەك، چۈنكى خاتالىقنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، كەمچىلىكنى قوبۇل قىلىپ ئىمكانقەدەر تولۇقلاش كېرەك.

5. ئارىلىشىۋېلىشتىن ساقلىنىش

ئاتا-ئانىلار دائىم بالىلىرىنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلىپ بېرىپ، بالىلىرىنى تەييارغا ھەييار قىلىپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە بالىلار مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ياردەم سورىغاندا، يېتەكلەپ ۋە ياردەم بېرىپ، بالىلارغا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچى ۋە غورۇرىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇشى كېرەك.

6. بالىنىڭ تۆھپىسى ۋە قىممىتىگە ئەھمىيەت بېرىش

ھەر بىر كىشى ئائىلىدە ۋە جەمئىيەتتە «مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى» ئىزدەيدۇ، بالىلارمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ئائىلە بالىلارنىڭ سىرتقى دۇنيانى تونۇشتىكى تۇنجى قەدىمى بولۇپ، «مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى»غا ئېرىشىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ ئائىلىدىكى ھەر بىر تۆھپىسى ۋە قىممىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بالىلارنىڭ مەۋجۇتلۇق تەلىپىنى قاندۇرۇشى كېرەك، بۇ بالىلارنىڭ خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.

7. «ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش» «نەتىجىگە كۆڭۈل بۆلۈش»تىنمۇ مۇھىم

ئۆسۈپ يېتىلىش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىن مۇھىم! ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ نەتىجە قازىنىش جەريانىدىكى ئىلگىرىلىشى ۋە ئىقتىدارىنىڭ ئۆسۈشىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك، بۇ بالىلارنىڭ رىقابەتنى قوبۇل قىلىش جاسارىتىنى يېتىلدۈرۈپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.

بالىلارنى تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللار بىلەن ئىلھاملاندۇرۇڭ:

بەدەن ھەرىكىتى بىلەن ئىلھاملاندۇرۇڭ

مۇئەييەنلەشتۈرۈش نەزىرى، كۈلۈمسىرەش، قۇچاقلاش، مۈرىسىنى ئۇرۇپ قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى بولىدۇ.

يېزىق بىلەن ئىلھاملاندۇرۇڭ

يېزىق بىلەن ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ ئىزناسى قالىدۇ. كىچىك قەغەزگە بالىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان سۆزلەرنى يېزىپ، بالىنىڭ مۇھىم تىرىشچانلىقى ۋە نەتىجىسىنى خاتىرىلەپ، بالىغا ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.

ئېغىزدا ئىلھاملاندۇرۇڭ

پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋاقتىدا، سەمىمىي ھالدا بالىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، بالىنىڭ ياخشى ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇشىغا پايدىلىق.

بالىلارغا باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشنى ئۆگىتىڭ

ئىلھام بېرىش ئۈنۈملۈك كىشىلىك ئالاقە ئۇسۇلىنىڭ بىرى. بالىلارغا باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشنى ئۆگىتىش، بالىلارنىڭ ياخشى بولغان كىشىلىك ئالاقە ئورنىتىشىغا ياخشى ئاساس سالىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号