باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13938يوللانما
1423مەستانە

«چۈمۈلە ئادەم 2: سېرىق ھەرە ئايال»نىڭ ئەڭ يېڭى كىنو سۈرىتى ئاشكارىلاندى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 23:02 5 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى 16-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«چۈمۈلە ئادەم 2: سېرىق ھەرە ئايالنىڭ پەيدا بولۇشى» يېقىندا ئەڭ يېڭى كىنو سۈرىتىنى ئېلان قىلدى. سۈرەتتە، سېرىق ھەرە ئايال بىلەن چۈمۈلە ئادەم ئوخشاشلا خىزمەت كىيىمى كىيىۋالغان بولۇپ، قارىماققا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى، بۇ ئىككى پېرسوناژ بىر نەرسىلەرنى مۇنازىرە قىلىۋاتقاندەك، بىر-بىرىگە تىكىلىپ قارىغانىدى. كىنونىڭ ئىسمىدىنلا بۇ يېڭى كىنونىڭ چۈمۈلە ئادەم بىلەن سېرىق ھەرە ئايالنىڭ «ئىككى كىشىلىك دۇنياسى» ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنغان ئېلان سۈرەتتىمۇ سېرىق ھەرە ئايال ئەڭ مەركەزلىك جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇڭا، بۇ ئىككى پېرسوناژ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت، شۇنداقلا مەستانىلەرمۇ كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان پەيتتۇر.

يېقىندا قىزغىن قويىلىۋاتقان «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3: چەكسىز جەڭ»دە ھەمدە بۇنىڭدىن بۇرۇنقى «ئامېرىكا كاپىتانى 3»تىكى ياردەمچى سەپتىمۇ چۈمۈلە ئادەم كۆرۈنمىگەن. بۇمۇ مەستانىلەرنىڭ ئەمدى يۈز بېرىدىغان ۋەقەلىككە بولغان تەقەززاسىنى قوزغىغان. چەتئەلدىكى تورداشلار چاقچاق قىلىغىنىچە، بۇ قېتىمدىكى چۈمۈلە ئادەم سېرىق ھەرە ئايالغا: «سىز دېمەكچى، بىز ئىككىمىز ئاشۇ يېرىم كائىناتنى ئالا-توپىلاڭ قىلىۋەتكەن سۆسۈن رەڭلىك ھالاكەت زومىگىرىنىڭ ئالەمنى بويسۇندۇرشتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قوغدىنىش سىزىقىمۇ؟» دېيىشكەن.

«چۈمۈلە ئادەم 2» بۇ يىل 6-ئىيۇل شىمالىي ئامېرىكىدا قويۇلىدۇ، پائۇل رۇد رول ئالغان «چۈمۈلە ئادەم» بىلەن ئېۋانجېلىنا لىلىي رول ئالغان «سېرىق ھەرە ئايال» بۇ كىنونىڭ دۆلىىتمىزدە قويۇلىدىغان ۋاقتى تېخى بېكىتىلمىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مىنىڭ ئىسمىم گىروت5 كۈن ئىلگىرى

    خۇددى ئامرىكا كاپىتانى 3 تە خالىك بىلەن چاقماق پالۋاننىڭ يوقلىقىنى چاقماق پالۋان 3تە بىلگىنىمىزگە ئوخشاش

  • مىنىڭ ئىسمىم گىروت5 كۈن ئىلگىرى

    ئەگەر چۆمۈلە پالۋان قىساسكارلا 3تە چىققان بولسا ،، چۆمۈلە پالۋان 2 نى قىساسكەرلار 4 ئاخىرلاشقاندىن كىيىن كۆرەلەيمىز جۈملىدىن يەنە ئىككى يىلدىن كىيىن كۆرىدىغان ئىش چىقىدۇ،
    مارۋىل كىنولارنى بىرىرىكتۈرۈشكە بەك ئۇستا ،، قىساسكارلا سەنوس بىلەن جەڭ قىلىۋاتقاندا چۆمۈلىنىڭ شۇ چاغدا نىمىش قىلىۋاتقىنىنى بىلەلەيسىلە

  • كاپىتان مارۋىل6 كۈن ئىلگىرى

    مەن ئامراق بۇ چۈمۇلە ئادامگە گەپلىرى ناھايتى قىززىق لىكىن قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3 تە چىقماي قويدى ئەمەسمۇ

  • قىران بۈركۈت 26 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭچە قىساسكارلارنىڭ كىيىنكى بۆلۈمىگە چوقۇم قىتىلىدۇ بۇ

  • كىچىك ئۆمۈچۈك6 كۈن ئىلگىرى

    تىز بېكىتسە بۇلىتى، بەك پەيزى ئىشلىنىپتۇ ،قاچان قۇيار ھە.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号