باش بەت

ئوغلان0996

3079يوللانما
43مەستانە

ئۆيدىكى سېسىق پۇراقلارنى مۇنداق ئۇسۇلدا يوقىتىڭ

مەنبە:نۇر تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 22:37 1 ئىنكاس چۈشتى

تاماكا ئىسىنى يوقىتىش:

ئۆي ئىچى تاماكا ئىسى بىلەن تولۇپ كەتسە، ئاچچىقسۇغا چىلانغان لۆڭگە ئۆي ئىچىدە لەپىلدىتىلسە ياكى ئىككى تال شام يېقىپ قويۇلسا، تاماكا ئىسى شۇ ھامان يوقىلىدۇ.

كۆكىرىشتىن بولغان سېسىق پۇراقنى يوقىتىش:

تارتما، ئويۇق ۋە كىيىم ساندۇقى قاتارلىقلاردا چىرىش ۋە كۆكىرىشتىن چىققان پۇراق بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچىگە بىر پارچە كىر سوپۇن قويۇپ قويۇلسا، سېسىق پۇراق يوقىلىدۇ.

سىر پۇرىقىنى يوقىتىش:

يېڭى سىرلانغان تام ياكى ئائىلە سايمانلىرىدىكى سىر پۇرىقىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئۆيگە ئىككى داس سوغۇق تۇز سۈيى قۇيۇپ قويسا، سىر پۇرىقى يوقىلىدۇ.

ئۆي ئىچىدىكى غەلىتە پۇراقلارنى يوقىتىش:

ئۆيدە ھاۋا ئالمىشىش ياخشى بولمىسا، كاربونات كىسلاتاسىنىڭ پۇرىقى پەيدا بولىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا لامپۇچكىغا بىر تامچە ئەتىر چېچىپ قويسا، لامپۇچكا قىزىغاندىن كېيىن ئۆي خۇش پۇراقلىق بولىدۇ.

گۈل ئوغۇتىنىڭ سېسىق پۇرىقىنى يوقىتىش:

ئۆيلەردىكى گۈللەرگە ئېچىتىلغان سۇيۇق ئوغۇت ئىشلىتىلىسە ئۆتكۈر سېسىق ھىد پەيدا بولىدۇ، بۇنداق پۇراقنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاپېلسىن پوستىنى ئوغۇت ئېرىتمىسىگە سېلىش لازىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپېلسىن پوستىمۇ ناھايىتى ياخشى ئوغۇت بولىدۇ.


ساغلاملىق ژۇرنىلىدىن ئېلىندى

باش سۈرەت تاللاش x
  • يۇڭشۈن5 كۈن ئىلگىرى

    بولدىكەمغۇ ماۋۇ ياخشى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号