باش بەت

كىنوچى

3463يوللانما
185مەستانە

بارسېلونا ماركىنىئوس، كۇلىبالي قاتارلىق ئۈچ ئوتتۇرا بېكنى نىشانلىدى

مەنبە:جىبوبا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 22:25 0 ئىنكاس چۈشتى

جىبوبا تورى 16-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بارسېلونا بۇ يىل يازدىكى يۆتكىلىش كۆزنىكىدە مۇداپىئە سېپىنى كۈچلەندۈرمەكچى بولۇپ، ئۈچ ئوتتۇرا بېكنى نىشانلىغان. بۇ ئۈچ ئوتتۇرا بېك ناپولى بېكى كۇلىبالي، پارىژ سانت گېرمان بېكى ماركىنىئوس ۋە ئاجاكستىكى ياش بېك دېلىگت بولۇپ، بارسېلونا بۇ ئۈچ توپچىنىڭ قايسىسىنى كىرگۈزسە كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە ئوتتۇرا بېك ئورنىدا كۆپ ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدۇ.

لېكىن، ئۇلارنى قوشۇۋېلىش ئۇنچە ئەمەس، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۇلۇبى بۇ توپچىلارنى ساتماقچى بولسا يۇقىرى يۆتكىلىش سوممىسى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە قويۇپ بېرىشنىمۇ خالىماسلىقى مۇمكىن.

ناپولى ئوتتۇرا بېكى كۇلىبالي بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ ناپولىنىڭ ئاساسلىق ئوتتۇرا بېكى، 1.95 مېتىرلىق ئېگىزلىكى ئۇنى يۇقىرى توپلاردا ئەۋزەللىككە ئېرىشتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ توختام بىكار قىلىش سوممىسى 70 مىليون ياۋروغا يېتىدۇ.

پارىژ سانت گېرمان ئوتتۇرا بېكى ماركىنىئوس بۇ يىل 24 ياش بولۇپ، ئۇ بارسېلونانىڭ ئۇسلۇبىغا چۈشىدىغان ئوتتۇرا بېك، لېكىن بۇ سودا بۇ يىل يازدا ئەمەلگە ئاشماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى ئۇ ھازىر پارىژ سانت گېرماننىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇپ قالدى.

ئاجاكستىكى ياش ئوتتۇرا بېك دېلىگت بۇ يىل ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بارسېلونا ئۇزاقتىن بۇيان ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس بولۇپ، ئۇنىڭ ۋاستىچىسى ئۇنى بۇ يىل يازدا باشقا كوماندىغا ئېلىپ بارماقچى بولغان. ئەگەر دېلىگت ئاجاكىستىن ئايرىلىپ بارسېلوناغا قوشۇلسا، ئۇنداقتا بۇ سودىنىڭ قىممىتىمۇ كىشىنى ھاياجانغا سېلىپ قويۇشى مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号