باش بەت

نىجات

443يوللانما
56مەستانە

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەڭ غەلىتە مۇزېيلارغا نەزەر

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 23:27 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

بىز ياشاۋاتقان كەڭ دۇنيا غەلىتىلىككە ۋە رەڭدارلىققا تولغان. ھەر خىل دۆلەت مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتتىكى كىشىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. شۇڭا بۇ دۆلەتلەردە ئۆزىگە خاس غەلىتە مۇزېيلارنىمۇ بارلىققا كەلتۈرگەن. فىرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە پۈتۈن دۇنيادىكى بىردىنبىر بولغان «قان شورىغۇچى ئالۋاستى مۇزېي» بار بولۇپ، بۇ مۇزېي پارىژنىڭ شىمالىدىكى لىرا شەھىرىنىڭ بىر قاراڭغۇ كوچىسىغا جايلاشقان. بۇ مۇزېينى فىرانسىيەدىكى داڭلىق قان شورىغۇچى ئالۋاستى مۇتەخەسسىسى Jacques Sirgent بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ، كۆلىمى ئانچە چوڭ ئەمەس. مۇزېيدا ھەر خىل توردىن سېتىۋالغان، سىرتتىكى يايمىلاردىن سېتىۋالغان، قەبرىستانلىقلاردىن يىغىۋالغان غەلىتە بۇيۇملار بار بولۇپ، بۇ يەردە ھەتتا 19-ئەسىردىكى «قان شورىغۇچى ئالۋاستىلار»دىن مۇداپىيەلىنىش ئەسۋابلىرى، مۈشۈك مومياسى، ھەر خىل نىقاب، قان شورىغۇچىلارغا قارشى تۇرىدىغان كىرىس شەكلىدىكى ئوقيا قاتارلىقلار بار. 

فىرانسىيىلىكلەر غەلىتە نەرسىلەرنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، پارىژدا يەنە بىر ئەتىر مۇزېيمۇ بار. بۇ مۇزېيغا ھەر خىل شەكىلدىكى ئەتىرلەر يىغىلغان بولۇپ، مۇزېينىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ساياھەتچىلەرگە ئەتىر بىلىملىرىنى چۈشەندۈرىدىغان بىر كىچىك كۈتۈپخانا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 

رۇسىيەنىڭ موسكۋا شەھىرىدە يېڭى ئېچىلغان بىر ۋېلسىپىت مۇزېيى بار. بۇ جايدا ھەر خىل ئۇسلۇبتا ياسالغان ۋېلسىپىتلەر ساقلانغان. 

بۇ قۇم ئويما سەنئەت سارىيى ياپونىيە توتتورى ناھىيەسى توتتورى شەھىرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ جايدا مەشھۇر توتتورى قۇملۇقى بار. بۇ جاي پۈتۈن دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۆي ئىچى قۇم ئويما سەنئەت سارىيى ھېسابلىنىدۇ. سەنئەت سارىيىدىكى قۇم ئويما ئەسەرلىرى شۇ جايدىكى قۇملۇقلاردىكى قۇمدىن ياسالغان بولۇپ، پەقەتلا سۇ قوشۇلغان، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق تەركىبلەر قوشۇلمىغان. شۇڭا بۇ قۇم ئويما سارىيىدىكى سەنئەت ئەسەرلىرى پەقەت ۋاقىتلىقلا ساقلىنىدىغان بولۇپ، كېيىن يەنە قۇملۇققا ئاپىرىۋېتىلىدىكەن. 

توغرا، سىز خاتا كۆرمىدىڭىز. بۇ كىچىك ھەيكەللەر بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا ئوينايدىغان ئويۇنچۇققا ئوخشايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ كىچىك «ئويۇنچۇق ئەسكەرلەر» رۇسىيەنىڭ سانت پېتربۇرگ شەھەردە بولۇپ، سوۋروف مۇزېيدا ساقلانماقتا. 

جياڭسۇ نەنجىڭ. بۇ «مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ كەتكەنلەر مۇزېي» بولۇپ، ھەممە يەرگە داڭقى كەتكەن. بۇ مۇزېيدا ئاچقۇچ، دورىلىق پىلاستىر، قايچا، قۇرۇت ئۆلتۈرۈش دورىسى، پويىز بېلىتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان نەرسىلەر ساقلانغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ مۇزېيى 2016-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئىچىدىكى ھەممە نەرسىلەرنى تورداشلار سوۋغا قىلغان ئىكەن. بۇ جايدىكى ھەر بىر نەرسە مۇھەببەتنىڭ «ئاسار ئەتىقىسى» بولۇپ، ھەر بىر نەرسىگە تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى يوشۇرۇنغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号