باش بەت

ئەندەر

6312يوللانما
193مەستانە

مانچېستېر بىرلەشمىسى مادرىد ئاتلېتكا توپچىسى ۋىرسالكونى قوشۇۋالماقچى

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 22:32 0 ئىنكاس چۈشتى

دوڭچيۇدى تورى 16-ماي خەۋىرى، نۇرتورى تەرجىمىسى:

«دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مانچېستېر بىرلەشمىسىنىڭ ترېنېرى مورىنھو كوماندىنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ ئوڭ يولنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن مادرىد ئاتلېتكا توپچىسى ۋىرسالكونى قوشۇۋېلىشنى نىشانلىغان.

بېللېرىن مورىنھونىڭ ئاساسلىق قوشۇۋېلىش نىشانى، بىراق ئارسېنالنىڭ ئۇنى قويۇپ بېرىشى ئاسانغا توختىمايدۇ، ئاساسلىقى مانچېستېر بىرلەشمىسى 40 مىليون ياۋرودىن ئاشمايدىغان باھادا توپچى قوشۇۋالماقچى. بۇنىڭدىن باشقا، ئارسېنالمۇ كوماندىدىكى مۇھىم توپچىنى ھەرگىزمۇ بىر بىرلەشمىدىكى رەقىبىگە سېتىشنى خالىمايدۇ. بېللېرىننى قوشۇۋېلىش قىيىن بولغاچقا، مورىنھو نىشانىنى ۋىرسالكوغا قاراتقان.

كىرودىيەلىك ۋىرسالكو بۇ پەسىل مادرىد ئاتلېتكىغا ۋاكالىتەن 21 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان، مادرىد ئاتلېتكىمۇ بۇ سودىغا ناھايىتى قىزىقىدۇ، ئۇلار تىخىمۇ كۆپ مەبلەغ توپلاپ كوماندىنىڭ باشقا ئورنىنى كۈچلەندۈرمەكچى. ئەڭ مۇھىمى، مادرىد ئاتلېتكا ئارسېنالغا ئوخشاش يۇقىرى باھا قويمايدۇ، ئۇلار ۋىرسالكونى 35 مىليون ياۋرو ئەتراپىدا قولدىن چىقىرىشنى خالايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号