باش بەت

كىنوچى

3463يوللانما
185مەستانە

مېسسى: نېيمارنىڭ خانلىق مادرىدقا قوشۇلۇشى بارسېلوناغا زور زەربە بېرىدۇ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 22:56 22 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 16-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بارسېلونانىڭ گىگانت چولپىنى مېسسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارىژ سانت گېرمان ھۇجۇمچىسى نېيمار كۈنلەرنىڭ بىرىدە خانلىق مادرىدقا قوشۇلسا، ئۇنداقتا بۇ بارسېلوناغا نىسبەتەن غايەت زور زەربە بولىدىكەن.

نېيمار بۇلتۇر يازدا 222 مىليون ياۋرولۇق باھا بىلەن بارسېلونادىن پارىژ سانت گېرمانغا قوشۇلغان، بۇ خەلقئارا پۇتبول ساھەسىدىكى توپچىلارنىڭ يۆتكىلىشتە سەرپ بولغان ئەڭ يۇقىرى باھا ھېسابلىنىدۇ. گەرچە نېيمارنىڭ پارىژ سانت گېرمانغا بارغىنىغا بىر يىلمۇ بولمىغان بولسىمۇ، لېكىن يېقىندىن بۇيان ئۇنىڭ ئىسپانىيەدىكى يەنە بىر زەردار كوماندا خانلىق مادرىدقا قوشۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر ئۈزۈلمىگەن.

بارسېلونانىڭ داڭدار توپچىسى مېسسى ئارگېنتىنا تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا نېيمار ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەگەر نېيمار خانلىق مادرىدقا قوشۇلسا، ئۇنداقتا بۇ بارسېلوناغا نىسبەتەن ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئىش بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىلگىرى بارسېلونانىڭ مۇھىم توپچىسى ئىدى. نېيمار ئىلگىرى نوكەمپو مەيدانىدا بىز بىلەن بىرگە كۆپلىگەن چېمپىيونلۇقلارغا ئېرىشكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ۋە ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسنىڭ چېمپىيونلۇقىمۇ بار.»

«شۇڭا، ئەگەر نېيمار خانلىق مادرىدقا قوشۇلسا، ئۇنداقتا بۇ بارسېلونادىكى ھەممەيلەنگە نىسبەتەن غايەت زور زەربە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، رىقابەت جەھەتتىن سۆزلىگەندىمۇ نېيمارنىڭ قوشۇلۇشى خانلىق مادرىدنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈۋېتىدۇ. مەن ئىلگىرى بۇ مەسىلە ئۈستىدە نېيمار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان، شۇڭا ئۇ مېنىڭ قارىشىمنى بىلىدۇ.»

بارسېلونادا توپ تەپكەن ۋاقتىدا، مەيلى مەيدان ئىچىدە بولسۇن ياكى سىرتىدا بولسۇن. نېيمار بىلەن مېسسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى ئىدى. لېكىن، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ ياخشى دوستلار بۇ يىل يازدا قارىمۇ-قارشى ئورۇنغا ئۆتۈشى مۇمكىن. نېيمار خانلىق مادرىدقا قوشۇلمىغان تەقدىردىمۇ، بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن ئارگېنتىنا كوماندىسىنىڭ بۇ يىل يازدىكى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا مۇسابىقىلىشىش ئېھتىماللىقى چوڭ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • قاتىل - كىرىستىيانو5 كۈن ئىلگىرى

    ئىشۇ ماز ئالاجوقا بەسەينىمۇ قوللاپ قويدىكەنسىلە ھەي باللا شۇندا تۇتامى يوق ئالا جۇقا ساراڭنى پو ئەمەس ئۇ پو دىگەنمۇ ئادەمنى ئازراق قىزىقتۇرالايدۇ ئاۋۇ ئالا جوقا ناننىمۇ ئوڭشاپ يەممەيدۇ ھەقىچان ئۇ قايتا قۇرغۇچى دىگەن سەن مۇشۇ سەۋيەڭدە باسانى قايتا قۇرۇپ قالساڭ مىسسى سۇئارىز دىگەنلەمۇ خالادا گەندە تارتىدۇ سەندەك بىر رەئىسنىڭ قولىغا قالغاندىكىن

  • باغرى قان5 كۈن ئىلگىرى

    بەك ئويناپ تەرەققى قىلالماسلىقنى قاندا چۈشنىش كىرەك.... تايىللىق مەن دىمەكچىمۇ توپنى بەك ئيناش كۈندە مەيداندىن چىقماي توپ قوغلاشنى كۆرسەتمەيدۇ دوستۇم

  • مادرىد5 كۈن ئىلگىرى

    ياخشى ما باساچى ئاغىينەلە باسانى قايتا قۇغۇچىسى باسا مەستانىسى ما ئۇ ئاداش نىماردىن ياخشى ئۇ ئۇينىسا رۇنالدۇ بىلەن مىسىسى نىڭ كەينىدە تۇرىدۇ نىمار لىكىن سىلە رۇنالدۇ نى كۇزگە ئىلمايسىلە ئۇنداق بولسا باسا مەستانىلىرى ئارىسىدىن مىسىسى چىققان ئۇخشايدۇ

  • ئۈلكەرj5 كۈن ئىلگىرى

    50قەۋەتلىك بىنا سالاي دىگەنتىم ،،،،،،،شۇ ،،،،پۇل يوق ،،،دىگەندەكلا گەپ قىپتىغۇ بەسەي ئۆستۈرگۈچى ،،،، نىمارنى مىسسى ئەمەس باسا قوشۋالغان ،،،يەنە كىلىپ باسا قوشۋالمىغان تەغدىردىمۇ نىمار ،،،يەنىلار تاشلىنىپ قالمايتى ،،،،نىمارنى شۇ ۋاقىتتا خانلىق مادرىدمۇ تالاشقان ،،،،لىكىن ،،،،باسادەك ،،،قىزغىن بولمىغانلا يىرى بار ،،،،، تەڭرىتاغ يىلپىزى دەرىجە چۈشكىلىۋاتىدۇ ،،،،،بولسا شۇ تالانتىڭ بىلەن كوماندىمىزدا ئويناپ ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرساڭچۇ ،،،،ھەممىمىز سىنىڭ مەستانەڭگە ئايلىناتتۇق ،،،

  • مادرىد5 كۈن ئىلگىرى

    بەسەي سەي تىرىغۇچى نى كۇدەڭلىما باسا مەستانىلىرى نۇمۇس ھۇي بەش مۇ يەر ئىلىپ بىرەي سەي تىرامسا نىماردىن بەك ئۇينىساڭ

  • kaktuss5 كۈن ئىلگىرى

    ئادەمدە ئۆزىگە بىر ئىشەنچ بولىشى كېرەك بەزى كىشىلەرگە تەلەي نىسىپ بولمىغان نىيماردىن ياخشى نۇرغۇن توپچى بولىشى مۇمكىن ئەمما مەيداندا توپ تىپىش ئامىتى نىيماردىن كەم مەن شەخسەن قوللايمەن نىيماردەك ئوينىيالمىسىمۇ پوتبولدا كىم تەلەي يوق دىيەلەيدۇ

  • GR 丿75 كۈن ئىلگىرى

    قارا خەنجەرگە 100000تال خو كەتتى بۇ خەۋەرنىڭ راسلا ئاشتا داۋامى باكەن مەنمۇ خەنزۇچە تور بىكەتتىن ئوقىغانتىم

  • موللىدات5 كۈن ئىلگىرى

    ھېي قارا خەنجەر دىگەن قەستەن جېدەل تېرىماقچى شۇندامۇ ئۆزەڭدىن كۈرۈشمەيسە قوتو مادىلا پۇتبۇلخۇمار يىزىپ قويسا ئىچىڭدىن بىر نەسە كەلتۈرۋاتىدۇ مېسسنى غاجىۋالمىساڭ كۈنۈڭ ئۆتمەيدۇ ، بىز تايغاننى بىر نەسە دىمىگەندىكىن

  • بىكىنبوۋىر5 كۈن ئىلگىرى

    بارسىلونانى قايتا قۇرغۇچى ،سەن نىيمارنىڭ سانتوستىكى مۇسابىقىسنى كۆرۈپ باقا ئۇكام ،ئۆز ۋاقتىدا بەش ئادەمنى ئالداپ تۇپ كىرگۈزۈش جەھەتتە مىسسى ۋە رونىينى مەغلۇپ قىلىپ شۇ تۈردىكى مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ،بارسىلونا قوشۇۋالمىسا دەپ قوي ،ئۆز ۋاقتىدا نىيمارنى قوشىۋىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن زەردارلار بۇ سەپكە قوشۇلغان ،بەيرىن ،مادرىد ،پارىژ،قوشماق مانچىستىرلار ، نىيمارنىڭ باساغا قوشۇلۇپ بىر مەزگىل بارسىلونانى قوش شاھلىققا ئىرىشتۇرگىنىگە خوش بولساڭ بولاتتى ،(ئۆزەڭنى ھەقىقىي ئەركەك مەستانە چاغلىساڭ )،نىيمارنى ياراتمىسا مىسسى ۋە رونالدۇ ياراتمىسا يارىشىدۇ ،چىرايلىق ئىنكاس يىزىۋىتىتىڭلار ئاغىنىلار

  • ئەجنەبىي ؟؟؟؟5 كۈن ئىلگىرى

    ناھايتى تاينى يوق گەپ قىلدىغان نېرۋا كېسەلدىن بىر قانچىسى با زادى ،مىكروسكوپتا كۆرمىسە كۆرگىلى بولمايدىغان ئۇششاق ئۇۋاقلار ئاشندا قالايمىقان قىلدۇ ،مادرىد ئەزەلدىن باسانىڭ 10قەدەم ئالدىدا مېڭىپ كېلۋاتدۇ ،داۋاملىق شۇندا بولدۇ ،مادرىد ياۋروپا پۇتبول زومىگىرى بۇنى ھەممەڭ بىلسەنيۇ ئېتراپ قىغۇڭ كەممەيدۇ ،نېمە ئۈچۈن دېگەندە ،كۆرەلمەسلىك قىلسىلە .

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号