باش بەت

كىنوچى

3463يوللانما
185مەستانە

لىۋېرپول خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيون بولسا 15 مىليون مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 23:08 14 ئىنكاس چۈشتى

دوڭچيۇدى تورى 16-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«ماركا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەگەر لىۋېرپول ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشسە، ئۇنداقتا ئۇلار ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 15 مىليون 500 مىڭ ياۋرولۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىكەن، لىۋېرپولدىكى ھەربىر توپچىغا 200 مىڭ ياۋرولۇق مۇكاپات سوممىسى بۆلۈپ بېرىلىدىكەن.

لىۋېرپول ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەمىنلىگەن ئالتە مىليون 500 مىڭ ياۋرو مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «ماركا گېزىتى»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خانلىق مادرىد 2015/2016-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە مادرىد ئاتلېتكىنى مەغلۇپ قىلىپ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەندە، كوماندىدىكى ھەر بىر توپچى 320 مىڭ ياۋرو مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2016/2017-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى ۋە ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، خانلىق مادرىد توپچىلارغا 71 مىليون ياۋرو مۇكاپات تارقاتقان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • يۇڭشۈن5 كۈن ئىلگىرى

    ماندا دەپ قويسا ئا توپچىلاغاكۈچ قۇۋۋەت بولىدۇ دەيمە ئەمدى خانلىق مادرىد ھەر بىر توپچىغا 500مىڭنى بىرمىز دىسە ئەۋۇلا يىنا ئۆستىرەما

  • پۇتۇمغا قارا5 كۈن ئىلگىرى

    ئەينى ۋاقىتتا مەن پارىژنىڭ خانلىق مادىرىد نى يىگىشدىكى ئوت سەۋەپ
    پارىژنىڭ ئوت كۈچى خانلىق مادىرىد نى ۋەيران قىلىىپ بۇيىلقى ئۇزغۇنلۇق تىن خوشلاشتۇردۇ دەپ بىر خەۋەرنى كۆگەن لىكىن ...

  • 嶶笑5 كۈن ئىلگىرى

    ئەڭ ياخشىسى مۇسابىقىنى كۇرۇپ بۇلۇپ ئۇچۇر يىزىڭلا بەزىللىرىڭلا
    مادىرىد نى ھازىرغىچە ئۇتتۇردۇ ئۇتتۇردۇ دەپلا كەلىدىڭلا ھەرقىتىم ئۇتىسا ئىچىڭلا ئىچىشىپ كەتىكەنىدۇ ھە
    پۇتبۇلىنى قىلىچە چۇشەنمەيىدىغان يۇملاق تاۋۇز مەستانىلە

  • گىگانىت چولپان رونالدو5 كۈن ئىلگىرى

    خانىلىق مادىرىدنىڭ ئىسل ئىلىمى مەستانىلىرى خاتىرىجەم بۇلۇڭلار بۇيىللىق ئۇزغۇنلۇق ساھىبى دۇنيا زومىگىرى خانلىق مادىرىد ، لىۋىرپولىنىڭ خانىلق مادىرىدنى مەغلۇپ قىلىپ لوڭقىنى ئىلىشى ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس ، ياۋرۇپا پۇتپۇلچىلار بىرلەشمىسى پەقەت لىۋىرپول كۇلۇبىدىكى مەشقاۋۇللار ۋە توپچىلارنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن شۇنداق دىگەن گەپ باشقا مەقىسەت يوق ، كەمىنە خانلىق مادىرىد رونالدو قان مەستانىسى

  • گىگانىت چولپان رونالدو5 كۈن ئىلگىرى

    لىۋىرپولنىڭ ھۇجۇم كۈچى بەك يامان دەپ قۇيۇڭلار ، پارىژمۇ گۇرۇپپىدا بىرىنچى بۇلۇپ چىققان ھەم توپىنىمۇ بىر مەيداندا 5دىن ئۇرغان ئاقىۋەت دۇنيا زومىگىرى خانلىق مادىرىدقا ئۇچىراپىتى مەشقاۋۇلىدىن تارتىپ تازلىقىچىغىچە ھەممىسى بىز ئانداق يامان بىزدە نىيمار دىگەن دۇنياۋى چولپان بار خانىلق مادىرىد بۇيىل ئىتتپاق ئوينايدۇ ئانىرى پىشتى دەپ دىمىگەن گىپى قالمىغان ئاخىردا ئىككى ئايلانما مۇسابىقە ئويناپ نىيمار بىلەن مىپاپى دىگەن داڭلىقلىرى توپ ئۇرالماي، قالغان مۇسابىقىنى تىلۋۇزۇردىن رونالدونىڭ قالتىس ماھارىتنى كۈرۈش بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كەتتى

  • 艾****65 كۈن ئىلگىرى

    20مىليۇن بەسىمۇ باكىرى باكا ،

  • رونالدو5 كۈن ئىلگىرى

    ئەينى ۋاقىتتا پارىژ نىڭما ئوت كۈچى بەك يامان دەپ ئاڭلىغانچا مەن

  • kaktuss5 كۈن ئىلگىرى

    لىۋىرپولنىڭ ھۇجۇم كۈچى ئىنتايىن قەبىھ مادىرىتتىنمۇ قەبىھ ئەمما مۇداپىيە سەل ئاجىز مادىرىت يەم بوپ كەتمىسىلا بولاتتى مەن شەخسەن مادىرىتنىڭ چىمپىيون بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن

  • GR 丿75 كۈن ئىلگىرى

    يامان يولۋاس يولدا يېتىپ شىرغا يول بەمەس ،
    بۇ يەدە يولۋاسنىڭ ئەڭ يامىنىنڭ شىرغا كۈچى يىتىدۇ دىمەكچىدە ،ئەمما شىرنىڭ ئەڭ يامىنىغا ئۇچراپ قالسا يەم بوپ كىتدۇ ،مانا ھازىرقى يامان شىر دەل خانلىق مادرىد
    قېنى يامان يولۋاس بىلەن يامان شىرنىڭ قايسى يامان 27چىسلا كۆرىشەيلى ،ئالغا خانلىق مادرىد مەيلى يەڭ مەيلى يېڭىلىپ قال مەن ئوخشاشلا سەن تەرەپتە

  • تۇنجۇققان روھ5 كۈن ئىلگىرى

    ئۇتتۇرۋەتسىچا قاندا قىلىتكىن ھى ھى ھى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号