باش بەت

زىيارەت

2610يوللانما
30مەستانە

ئاسىيا چېمپىيونلۇق 1/8 ھەل قىلغۇچ: شاڭخەي شاڭگاڭ 1:2 كاشىما بۇغا مۈڭگۈزى

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 23:15 6 ئىنكاس چۈشتى

دوڭچيۇدى تورى 16-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچ سائەت 20:00دە 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئاسىيا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ كېيىنكى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە شاڭخەي تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا ياپونىيەدىن كەلگەن كاشىما بۇغا مۈڭگۈزى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسىدىن خۇلك بىر توپ كىرگۈزۈپ، كوماندىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلدى، كاشىما بۇغا مۈڭگۈزى كوماندىسىدىن شوما دوي بىر توپ كىرگۈزۈپ مەيدان نەتىجىسىنى تەڭلەشتۈردى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، خۇلك يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە قايتىدىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى كۆپلىگەن ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى، ئاخىرىدا شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 1:2 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدە مېھمان مەيداندا 3:1 نەتىجىدە رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقتىن، ئومۇمىي نومۇردا 4:3 نەتىجە بىلەن كاشىما بۇغا مۈڭگۈزى تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتتى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا ساھىبخان مەيداندىكى شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتتى.

يەتتە مىنۇت بولغاندا شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، چەكلەنگەن رايون سىرتىدا ئوڭ تەرەپتىن ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرسىتىدە، ئوسكارنىڭ توپ باشلىشى بىلەن كاشىما بۇغا مۈڭگۈزى كوماندىسىنىڭ قاپقىسى ئالدىدا قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ، خۇلك قاپقا ئالدىدا توپنى تېپىپ كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى شاڭخەي شاڭگاڭ 0:1 كاشىما بۇغا مۈڭگۈزى.

42 مىنۇت بولغاندا كاشىما بۇغا مۈڭگۈزى كوماندىسىدىن سىلۋا ھۇجۇم تەشكىللەپ، كوكى ئانزاينىڭ پاس بېرىشى بىلەن شوما دوي توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى شاڭخەي شاڭگاڭ 1:1 كاشىما بۇغا مۈڭگۈزى.

81 مىنۇت بولغاندا شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسىدىن يۈ خەينىڭ ھۇجۇم تەشكىللىشى بىلەن شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى تالاش-تارتىش قوزغىغان بىر نۇقتا توپ تېپىش پۇرستىگە ئېرىشتى، خۇلك نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى شاڭخەي شاڭگاڭ 1:2 كاشىما بۇغا مۈڭگۈزى.

مۇسابىقە جەريانىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى كۆپلىگەن ياخشى پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويدى، ۋۇلېي، خۇلكلار توپ كىرگۈزۈشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسەتلىرىدە توپنى كىرگۈزەلمىدى.

رېپىرنىڭ پۈشتىكى چېلىنىش بىلەن مۇسابىقە ئاخىرلاشتى، ئاخىرىدا شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 1:2 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىدە مېھمان مەيداندا 3:1 نەتىجىدە رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقتىن، ئومۇمىي نومۇردا 4:3 نەتىجە بىلەن كاشىما بۇغا مۈڭگۈزى تەرىپىدىن شاللىنىپ، ئاسىيا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە سەككىز كۈچلۈك قاتارىغا كىرەلمىدى.

     

باش سۈرەت تاللاش x
  • بىر تامچە!5 كۈن ئىلگىرى

    چوڭ ئۈمۈد كۈتكەن خېڭدا بىلەن شاڭخەي شاڭگاڭ شاللاندى دىسە،،،،

  • Jan-xerim5 كۈن ئىلگىرى

    شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسنىڭ شاللانغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم ،لىكىن رەقىبىمۇ ئاجىز كوماندا ئەمەس !ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئاسىيا چىمپىيونى سالاھىيىتى بىلەن ، دۇنيا كۇلۇبلا لوڭقىسىى ھەل قىلغۇچتا مادرىت بىلەن چۈشكەن كوماندا ! يەنە بىر قىتىم ئەپسۇس .

  • كونۇپكا پالىۋىنى5 كۈن ئىلگىرى

    بۇ ئەپلەشمەپتۇ ، شاڭخەي شاڭگاڭ ئاسىيا چىمپىيونى بولىدۇ دەپ خىلى ئۈمۈد باغلىغابتىم

  • تەنتەربىيە مەستانىسى5 كۈن ئىلگىرى

    مەيلى پۇرسەت يەنە كىپ تۇرىدۇ

  • تەغدىرىمنى ئىزلەپ6 كۈن ئىلگىرى

    مۇسابىقە ئاخىرقى مىنۇتلاردا بەك كەسكىن بولدى شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى بەكلا تىرىشقانتى ئەپسۇس

  • Destu-966 كۈن ئىلگىرى

    ھەي ئىسىت ئۈمىدۈمنى يەردە قويدۇڭلا كەلگۈسىدە مۇشۇ كوماندىدا توپ تىپىش ئارزۇيۇم باتتى.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号