باش بەت

كىنوچى

3463يوللانما
185مەستانە

مادرىد ئاتلېتكا رەئىسى گىرېزمان بىلەن سىمونېنىڭ كۇلۇبتىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 23:24 4 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 16-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر سائەت 2:45تە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2017/2018-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مادرىد ئاتلېتكا بىلەن مارسېل مۇسابىقىلىشىدۇ. مۇسابىقىدىن بۇرۇن، مادرىد ئاتلېتكا رەئىسى كوماندىغا «خاتىرجەم قىلىش كۇمىلىچى» يېگۈزگەن بولۇپ، ئۇ گىرېزمان ۋە سىمونېنىڭ مادرىد ئاتلېتكىدا قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سىمونې مادرىد ئاتلېتكىغا باش ترېنېرلىق قىلغاندىن بۇيان ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى، شاھلىق لوڭقىسى، ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ۋە ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەرنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، يەنە تېخى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئىككىنچى بولغان. لېكىن، سىمونې يېقىندىن بۇيان خەلقئارا مىلان، ئارسېنال قاتارلىق كۇلۇبلار بىلەن چېتىلىپ قالغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى كۇلۇب رەئىسى سېرېزو ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىپ: «سىمونې ياۋروپا ۋە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ترېنېر» دېگەن.

ئۇ يەنە سىمونېنىڭ ترېنېرلىق ئىقتىدارىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەن ئەزەلدىن سىمونېنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىپ باقمىغان» دېگەن.

ئۇ گىرېزمان بىلەن سىمونېنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەيلى گىرېزمان بولسۇن ياكى سىمونې بولسۇن، ئوخشاشلا مادرىد ئاتلېتكىدىن ئايرىلمايدۇ.» ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدەك مۇھىم مۇسابىقە ئالدىدا كۇلۇب رەئىسىنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى مادرىد ئاتلېتكا توپچىلىرىغا كۈچ ئاتا قىلىشى مۇمكىن. نۇرغۇنلىغان مەستانىلەر ۋە ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى مادرىد ئاتلېتكا بىلەن خانلىق مادرىدنىڭ ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا ئۇچرىشىشىنى ئۈمىد قىلماقتا، سېرېزو بۇ توغرىسدا مۇنداق دېدى: «فىلورىنتىنو ماڭا تېلېفون قىلىپ مادرىد ئاتلېتكىغا مەدەت بەردى ھەمدە كېلەركى مۇسابىقە پەسلىدىكى ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ مادرىد دېربىيسىغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.»

باش سۈرەت تاللاش x
  • ⚡ئەزەل⚡5 كۈن ئىلگىرى

    «خاتىرجەم قىلىش كومىلىچى » تەھىرلىرمىز گەپكە ئۇستا جۇمۇ

  • ئۇچار يولۋاس كوماندىسى5 كۈن ئىلگىرى

    سىمونى مۇنداق دېدى فىلورىنتىنو بىزنىڭ چىمپىيون بولىشىمىزنى ئۇمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ماڭاتېلېفون قىلىپ مەدەت بەردى ئوغال بالا مانا مۇنداق بولىدۇ بىرلەشمىدە رەقىپ بولسىمۇ چىمپىيونلۇقنىڭ ئىسپانىيەدە قېلىشىنى ئارزۇ قىلدىكەن پەقەتلا بەزى پىتنىخورلارغا ئۇخشىمايدىكەن (بەسەيلونانى دىمەكچىدە بۇ يەردە)

  • باچكىچى6 كۈن ئىلگىرى

    ئۇقۇپلا قويساڭلا بولدى،

  • ئەقىل،6 كۈن ئىلگىرى

    ئەينى ۋاقىتتا لېۋورپول گۇاڭجۇ خېڭدا دورتمونت دېگەن كوماندىلارمۇ شۇنداق دېگەن ئەپەندىم

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号