باش بەت

پەرى2321

193يوللانما
17مەستانە

تۆت خىل ئايال سۈت بېزى ياللۇغىدىن دىققەت قىلىشى كېرەك

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 00:01 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

سۈت بېزى ياللۇغى بولسا بىر خىل دائىم ئۇچرايدىغان ئاياللار كېسەللىكىدىن ئىبارەت. بۇ كېسەلنىڭ كۆپىنچىسى ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللاردا كۆپ يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، بالا تۇغۇپ بولغان كۆپ ساندىكى ئاياللار بۇ كېسەلنى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارايدۇ. گەرچە سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللاردا بىر قەدەر يۇقىرى بولسىمۇ، بىراق توي قىلمىغان ئاياللارنىڭ بەدىنىدىمۇ يۈز بېرىدۇ، پەقەت ئېھتىماللىقى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا، سۈت بېزى ياللۇغىغا نىسبەتەن تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ئادەتتە دىققەت قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇنىڭ سالامەتلىككە خەۋپ يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

توي قىلمىغان ئاياللارمۇ سۈت بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولامدۇ؟

توي قىلمىغان ئاياللارنىڭ بەزىلىرى يېتىلىش مەزگىلىدە تۇرغانلىقتىن، كۆكسىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئادەتتە ئىچ كىيىمنى قانداق كىيىشنى بىلمىگەنلىكى سەۋەبلىك كۆكسى قىسىلىشقا ئۇچراپ سۈت بېزى ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ياشلىق مەزگىلىدىكى يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرغان قىزلار ئادەتتە ئىچ كىيىمىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشى، كىيگەندە ئازادە، راھەت تۇيغۇ بېرىدىغان، كۆكسىنى قىسىۋالمايدىغان ئىچ كىيىملارنى تاللىشى كېرەك. بەزى ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى باشقا قىسىملار مەسىلەن چىش مىلىكى، ئانگىنا ياللۇغى قاتارلىقلارنى ۋاقتىدا داۋالاتمىغانلىقى سەۋەبلىك ياللۇغ قانغا ئەگىشىپ سۈت بېزىغا كېڭىيىشىدىن سۈت بېزى ياللۇغى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا ئەگەر ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى بەزى ئورۇنلاردا ياللۇغ كۆرۈلسە ۋاقتىدا داۋالىتىشى ھەمدە ئۈزۈل-كېسىل داۋالاپ ساقايتىشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

قايسى ئاياللار ئاسانلا سۈت بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولىدۇ؟

بىرىنچى: ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئاياللار

ھامىلدارلارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئىمۇنىتېت ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا كۆكسىنى ئاسراپ، قوغدىمىسا ئاسانلا سۈت بېزى ياللۇغى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھامىلدارلار ئەڭ ياخشىسى كەڭتاشا كىيىملەرنى تاللىشى، كۆكسىنىڭ تازلىقىنى ياخشى ئىشلىشى ۋە مۇۋاپىق ئۇۋۇلاپ بېرىشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئىككىنچى: ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللار

ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللار بالىنى ئېمىتكەندە سۈتنى ۋاقتىدا چىقىرۋەتمىگەنلىكى سەۋەبلىك، كۆكسىدە يىغىلىۋېرىپ، سۈت بېزى ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، تۇغۇتلۇق ئاياللار ئېمىتىش مەزگىلىدە توغرا ئېمىتىش ئۇسۇلىنى ئىگەللەشكە دىققەت قىلىشى ھەمدە بالا ئېمىپ بولالمىغان سۈتنى ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىشى كېرەك. بۇ ئارقىلىق سۈتنىڭ پۈتۈنلەي چىقىپ كەتمىگەنلىكى تۈپەيلى پەيدا بولىدىغان سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئۈچىنچى: روھىي بېسىمى زىيادە ئېغىر ئاياللار

ھازىر كۆپلىگەن ئاياللار تۇرمۇش بېسىمىنىڭ زىيادە يۇقىرىلىقىدىن، ئۇزاق مەزگىل روھىي بېسىم ۋە جىددىيلىك ئەھۋالىدا ياشايدۇ، بۇ ئاسانلا ئاياللارنىڭ ئىچكى ئاجرالمىلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، سۈت بېزى ئىقتىدارىغا بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلىپ، سۈت بېزى ياللۇغىنى قوزغايدۇ. شۇڭا، سۈت بېزى ياللۇغى قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاياللار ئادەتتە ياخشى روھىي كەيپىياتىنى ساقلاپ، ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە ساقلىشى كېرەك.

تۆتىنچى: ياشلىق مەزگىلىدىكى قىزلار

ياشلىق مەزگىلىدىكى قىزلارنىڭ ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارى بىر قەدەر جانلىق بولغانلىقتىن، كۆكسىنى ئاسراش، قوغداش ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلىمىسە، ئاسانلا سۈت بېزى ياللۇغى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بۇ مەزگىلدىكى قىزلار ئادەتتە كۆكسىنىڭ تازلىقىغا دىققەت قىلىشى، ئەڭ ياخشىسى ھەركۈنى ئىلىمان سۇدا كۆكسىنى يۇيۇپ تۇرۇشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا باكتېرىيەلەرنىڭ ئەمچەك توپچىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، سۈت بېزى ياللۇغىنى قوزغىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەگەر سۈت بېزى ياللۇغى پەيدا بولۇپ ۋاقتىدا ئالدىنى ئالمىغاندا بىمارغا چوڭ خەۋپ ئەكىلىدۇ، لېكىن خانىم-قىزلار بۇ كېسەللىكنى پەقەت ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللاردىلا كۆرۈلىدۇ دەپ قارىماسلىقى كېرەك. سۈت بېزى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغۇچىلار بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، ئاياللار ئادەتتە كۆكسىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىشى، تۇرمۇشتىكى بەزى ئىنچىكە ھالقىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك، شۇندىلا سۈت بېزى ياللۇغى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.

سۈت بېزى ياللۇغى قانداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قوزغىلىدۇ؟

1. بەدەن ئەزالىرىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل بولماسلىق. بەزى خانىم-قىزلاردا يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئاستا-ئاستا بەزى ئەزالىرىنىڭ يېتىلىشى مۇكەممەل بولماسلىقتەك ئەھۋال كۆرۈلىدۇ. خۇددى ھەيز نورمالسىزلىشىش، جىگەر ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سۈت بېزى ياللۇغىنى قوزغايدۇ.

2. ئۇزاق مەزگىل تۇغۇتتىن ساقلىنىش دورىسى ئىچىش. ئۇزاق مەزگىل ئانىلىق ھورمۇنى دورىلىرىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشى پەيدا بولۇپ، سۈت بېزى ياللۇغىنى قوزغايدۇ.

3. تۇرمۇش ئامىلى. بەزى ئاياللار سۈنئىي بالا چۈشۈرۈش، ئېمىتىشنى چەكلەش قاتارلىق كۆكسىگە زىيانلىق چەكلىمە خاراكتېرلىك ئىشلارنى قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، سۈت بېزى نورمال فىزىيولوگىيىلىك پائالىيەت قىلالماي، سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى. تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ كۆپىنچە كىشىلەر زىيادە يۇقىرى ياغلىق يېمەكلىكلەرنى قۇبۇل قىلغانلىقتىن، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭسىزلىشىپ، ئانىلىق ھورمۇننىڭ سۈت بېزىگە بولغان غىدىقلىشىنى كۈچەيتىپ، سۈت بېزى ياللۇغىنىڭ كۆرۈلۈشىنى پەيدا قىلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号