باش بەت

رازى

1870يوللانما
57مەستانە

بالىلىقتا بەختسىزلىكنى باشتىن كەچۈرگەنلەر تېخىمۇ زور ئىجادىيەت كۈچىگە ئىگە بولىدىكەن

مەنبە:جۇڭگو گېزىتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-16 23:57 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو گېزىتى تورى 16-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

داڭلىق مۇزىكانت بېتخوۋىن كىچىك ۋاقتىدا ھەمىشە دادىسىدىن تاياق يەيتتى، Vincent Willem van Gogh بالىلىق دەۋرىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ سوغۇق نەزىرى ئاستىدا ئۆتكۈزدى. ئۇلارنىڭ بۇ بەختسىز كەچۈرمىشلىرى دەرۋەقە كېيىنكى مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن باغلىنىشلىق ئىدى! تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، بالىلىق دەۋرىدە ئازاب تارتقان كىشىلەر چوڭ بولغاندىن كېيىن ھەمىشە ناھايىتى يۇقىرى ئىجاد قىلىش كۈچى ۋە سەنئەت تالانتى ئىپادىلىگەن، ئەمما ئۇلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىق مەسىلىسىمۇ ناھايىتى ئېغىر بولغان.

بىر تۈرلۈك ئۇزۇن مەزگىللىك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئورۇنلاش سەنئەتكارلىرىنىڭ ئىجاد قىلىش كۈچى بالىلىق دەۋرىدىكى كەچۈرمىشى بىلەن باغلىنىشلىق، بالىلىق دەۋرىدە بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلار (مەسىلەن، خورلانغان، نەزەرگە ئېلىنمىغان، ئائىلىسى ئىناق بولمىغان قاتارلىقلار) تېخىمۇ مول ئىجاد قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەن.

ئامېرىكا كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پىسخولوگلار 234 نەپەر كەسپى ئارتىسنى تەكشۈرۈپ، ئورۇنلاش سەنئەتكارلىرىدا پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنىڭ پات-پات يۈز بېرىشنىڭ سەۋەبىنى ئىزدىگەن.

يۇقىرىقى تەتقىقاتقا قاتناشقۇچىنىڭ بىرى بولغان پىسخولوگىيە ئالىمى پولا (Paula Thomson)نىڭ ئېيتىشىچە، سەنئەتكارلار ۋە ئارتىسلار ناھايىتى ئاسانلا خامۇشلۇق قاتارلىق پىسخىك كېسەلگە گىرىپتار بولىدىكەن، بۇ بىزنى ھەقىقەتەنمۇ قايمۇقتۇرىدۇ. 

بۇ تەتقىقاتقا 83 نەپەر ئارتىس، رېژىسسور ۋە لايىھەلىگۈچى، 129 نەپەر ئۇسسۇلچى، 20 نەپەر مۇزىكانت ۋە ئوپېرا ئارتىسى قاتناشقان، بۇلار بالىلىق دەۋرىدىكى ھەر خىل كۆڭۈلسىزلىكلەر، ھاقارەتلىنىش تۇيغۇسى، ئىجادىيەت، خىيالى، غەم ئەندىشىسى ۋە پائالىيەتكە قاتنىشىش ئەھۋالى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار تەكشۈرۈش دوكلاتى قەغىزىنى تولدۇرغان.

1998-يىلى تەتقىقاتچىلار 9508 نەپەر قۇرامىغا يەتكەن كىشىنىڭ بالىلىق مەزگىلىدىكى بەختسىز كەچۈرمىشىنى تەتقىق قىلغان. ئۇلار يۇقىرىقى ئىككى تەتقىقات نەتىجىسىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئادەتتىكى كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئورۇنلاش سەنئەتكارلىرىنىڭ بالىلىق مەزگىلىدە روھى جەھەتتىن خورلىنىش ۋە كەمسىتىشكە ئۇچراش نىسبىتىنىڭ خېلىلا يۇقىرى بولغانلىقىنى بايقىغان.

بۇ قېتىم تەتقىقاتچىلار بالىلىق دەۋرىدىكى بەختسىزلىكنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەن تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلگەن: يۇقىرى دەرىجە (ئىنتايىن بەختسىز)، ئوتتۇرا دەرىجە (بىر قەدەر بەختسىز)، نۆل دەرىجە (ئاساسىي جەھەتتىن بەختسىزلىكنى باشتىن كەچۈرمىگەن).

تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، يۇقىرى دەرىجىدىكى ئەزالارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن چېكىدىن ئاشقان. بۇ گۇرۇپپىدىكى ئورۇنلاش سەنئەتكارلىرىدا روشەن ھالدىكى خۇدۈكسىرەش، ئوبيېكتىپ ھالدىكى ھاقارەتلەش ھېس تۇيغۇسىغا ئىگە، قانچىكى كۆپ ئازابلىق ئىشنى باشتىن كەچۈرگەن كىشى شۇنچە ئاسان خىيالى دۇنياغا بېرىلىدۇ.

ئەمما تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلار يەنە تېخىمۇ زور ئىجاد قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەن. ئۇلاردا ئىجادچانلىق ئېڭى كۈچلۈك بولۇپ، ناھايىتى ئاسان ئىجادىيەت ئىچىگە كىرەلەيدىكەن، ئۇلارنىڭ دائىم ئىلھامى قوزغىلىپ، ئىجادىيەت جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ يېڭى شەيئىلەرنى بايقايدىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت، ئۇلار يەنە ئەركىن ئازادە ھالدا خىيالى دۇنياغا شۇڭغۇپ كىرىپ، يەنە خىيالىدىن قايتىپ چىقىپ ھۆكۈم قىلالايدىكەن، سەنئەتنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدىكەن.

تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەيدۇ: «ئاخىرىدا بۇ بىر توپ كىشىلەر ئىجاد قىلىش كۈچىنىڭ ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن، ئىجادىيەت جەريانى ئۇلارنى ئۆزى شۇنداقلا دۇنيا بىلەن تېخىمۇ زىچ باغلىغان، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىجادىيەت ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەڭ زور كۈچ قۇدرەت.»

ئېنىقكى، يۇقىرىقى تەتقىقاتتا قىسمەن كەمچىلىكلەر بار. ئالدى بىلەن ئۆز ئۆزىنى دوكلات قىلىش ئۇسۇلىدا ناھايىتى ئاسانلا سۇبيېكتىپلىق خاتالىق پەرقى كېلىپ چىقىدۇ. ئىككىنچىدىن، تەكشۈرۈش ئوبيېكتى پەقەت ئورۇنلاش سەنئەتكارلىرى بىلەن چەكلەنگەن بولغاچقا، باشقا كىشىلەر توپىغا ماس كېلىشى ناتايىن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقات نەتىجىسى بالىلىق دەۋرىدە بەختسىزلىككە ئۇچرىغان ئورۇنلاش سەنئەتكارلىرىنىڭ ئىجادىيەت جەريانىنى تېخىمۇ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا قوللايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت جەريانىدىن ھۇزۇر ئالىدىغانلىقىنى، بۇ ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا ماسلىشىش ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

پولا Psypost تور بېكىتىنىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: «تەتقىقاتقا قاتناشقان كۆپىنچە كىشىلەر بالىلىق دەۋرىدە ھەر خىل بەختسىزلىكنى ياكى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىكى ۋە ياكى ھەر خىل زەربىنى باشتىن كەچۈرگەن، بۇ بىزنى ھەقىقەتەن بىئارام قىلىدۇ. بىزنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىمىزنىڭ ئارىسىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر ئېغىر جەھەتتىكى روھىي زەربىنى باشتىن كەچۈرگەن، ئەمما ئۇلار ناھايىتى مول ئورۇنلاش ئىقتىدارىغا ۋە ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا ئىگە، ئۇلار تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەن.»

يۇقىرىقى تەتقىقات نەتىجىسى دوكلاتى «پىسخولوگىيە» ئېلان قىلىنغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号