باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

11367يوللانما
1449مەستانە

بىر پارچە سۈرەت بىلەنلا توردا داڭق قازانغان كىشىلەر

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 22:45 2 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1. ئەتكەنچاي سىڭىل. توردىكى مەلۇم بىر سۈرەتكە تارتقۇچى ئۇنىڭ بىر قولىدا ئەتكەنچاي تۇتۇپ تۇرغاندىكى سۈرىتىنى يوللىغاندىن كېيىن، تورداشلار ئۇنى «ئەتكەنچاي سىڭىل» دەپ ئاتىغان. بۇ سۈرەت ئېلان قىلىنىپ ئىككى كۈن بولمايلا، ئۇنىڭ بارلىق ماتېرىيالى ۋە سۈرەتلىرى توردا ئاشكارىلىنىپ، ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن، جاڭ زېتيەن ئىسىملىك بۇ قىز «ئەتكەنچاي سىڭىل»غا ئايلانغان.

2. فۇروڭ ھەدە: ئەسلى ئىسمى شى خېڭشيا. شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شيەنياڭ شەھىرىدە تۇغۇلغان، شەنشى تەبئىي پەنلەر ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ مېخانىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. بىر مېخانىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن قىزدا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئەۋرىشىملىك ۋە ئوچۇق-يورۇقلۇق بولغاچقا، 2004-يىلىدىكى قايناق ھېسسىياتى بىلەن ئۇسسۇل ئوينىغاندىكى سۈرىتى بىلەنلا داڭق قازىنىپ كەتكەن.

3. ئەڭ گۈزەل گۇۋاھنامە سۈرىتى ليۇ چېننىي. ئۇ «شىن ۋېي» ناملىق ژۇرنالنىڭ مۇسابىقىسگە قاتنشىپ، توردا داڭق قازانغان ھەمدە «ئەڭ گۈزەل گۇۋاھنامە سۈرىتىدىكى سىڭىل» ۋە «مەكتەپ فورمىسى كىيگەن ئەڭ گۈزەل سىڭىل»، دەپ ئاتالغان.

4. «ئوماق قونچاق». تەقى-تۇرقى قونچاققىلا ئوخشايدىغانلىقى بىلەن توردا داڭق قازىنىپ، ئاخىرى تور چولپىنىغا ئايلانغان.

5. «ئۆتكۈر ئاكا». بۇ سۈرەت توردا تارقالغاندا ۋېدىيوسىمۇ تەڭلا تارقالغان. ئارقىدىن 2010-يىلى «كۆزنى چاقنىتىدىغان ئەڭ قامەتلىك كېلىشكەن ئاكا» ماقالە بىلەن شىددەت بىلەن داڭق قازىنىپ، ئەڭ كېلىشكەن سەرسان شاھزادىگە ئايلانغان.

6. «مۇشتنى تۈگۈپ تۇرغان بالا» ئەسلى ئىسمى ساممىي جىرىنېر، ئەينى ۋاقىتتا ئارانلا 11 ئايلىق بولغان ئۇ ئاپىسى لەنېي جىرىنېر بىلەن بىللە ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى دېڭىز ساھىلىغا ئوينىغىلى كەلگەندە، قاتتىق ئىشەنچ بىلەن بىر سىقىم قۇمنى ئېلىپ ئالدىغا قارىغاندا، فوتوگرافلىق قىلىۋاتقان ئاپىسى تېز سۈرئەتتە بۇ دەقىقىنى خاتىرىلىۋالغان.

7. كىچىك بودەك: تور توپىدىكىلەر تۇنجى بولۇپ PS قىلغان بالا. بۇ بودەك بالىنىڭ ئىسمى چيەن جىجۈن بولۇپ، 19 ياش. شاڭخەي شەھەرلىك نېفىت خىمىيە سانائىتى مەكتىپى ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. 2003-يىلى «باھار» ئىسىملىك بىر تورداش ئۇنىڭ بۇ سۈرىتىنى تورغا يوللىغاندا، بىر مەھەل ھەزىل چاقچاق ئېقىمى شەكىللىنىپ، ھەرخىل ئۇسلۇبتا ھەزىل قىلىنغان بودەك بالىنىڭ سۈرەتلىرى چوڭ مۇنبەرلەردە ئېلان  قىلىنغان. بۈگۈنكى كۈندە بەيدۇدىن «بودەك بالىنى ھەزىل قىلىش» (小胖恶搞) دېگەن خەتنى كىرگۈزسىمۇ 400 مىڭدىن ئارتۇق پارچە چىقىدۇ. بودەك بالا ئۆز نۆۋىتىدە تور دۇنياسىدا ھەزىل قىلىنغان تۇنجى ئادەم. بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى تەرىپىدىن «توردىكى بىرىنچى ئالقىشلانغان بالا» دەپ ئاتالغان 19 ياشلىق ئۆسمۈر يەنە تېخى ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق مۇستەقىل گېزىتى ئاسىيا نۇسخىسىنىڭ خەۋەرلىرىگە چىققان.

8. ھىڭگاڭ چىش ئاكا. سىز بەلكىم ئۇنى تونىماسلىقىڭىز مۇمكىن، بىراق سىز ئۇنىڭ چىشىنى چوقۇم تونۇيسىز.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بىر نەرسە1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاۋۇ سەرگەردان لۇخەن يەنە بىرنىمە خەنلەگە قارىغاندا كۆپ كىلىشكەنكەن ،بىرخىل ئوغاۋالىدەك تۇردىكەن

  • قاغىلىق لاچىنى1 ھەپتە ئىلگىرى

    كىچىك بودەك دىگىنى ھازىر ئۈندىدار چىراي ئىپادىلەر قاتارىدا بارغۇ؟ رىئال شەخىسكەندە ئەسلى…

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号