باش بەت

شىرئەلى روزى

652يوللانما
55مەستانە

توردىن ساختا ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى سېتىۋالغان ئەر تۇتۇلۇپ قالغاندا ھىجاراپ كەتتى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 17:19 1 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

تۈنۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى چاڭپىڭ شەرقىي ئايلانما يولىدىكى ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىدا «京P5KL85» نومۇر تاختىسى ئېسىلغان بىر ئاق رەڭلىك جېتتا ئاپتوموبىلى يول ياقىسىدا قانۇنسىز توختىتىلغان. چاڭپىڭ قاتناش ساقچىلىرى تارماق ئەترىتىنىڭ چارلاش ساقچىلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش تېرمىنالىدا تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ نومۇر تاختىسىنىڭ ھېچقانداق ئارخىپى يوقلىقىنى بايقىغان ۋە بۇ ئەھۋالنى قاتناش ساقچىلىرى چوڭ ئەترىتىنىڭ قوماندانلىق ئىشخانىسىغا يوللىغاندىن كېيىن ھەقىقەتەنمۇ بۇنداق نومۇر تاختىسىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن.

«مەن بۇ نومۇر تاختىسىنى توردىن 400 يۈەنگە سېتىۋالغان ئىدىم»، ساقچىلار بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرى فەن xx ئۆزى ئىشلەتكەن بېيجىڭنىڭ بۇ نومۇر تاختىسىنىڭ توردىن سېتىۋالغان ساختا نومۇر تاختىسى ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان. ساقچىلار سۈرەتكە تارتىپ دەلىل-ئىسپات ئېلىۋاتقاندا، بۇ شوپۇر تېخى قېلىنلىق بىلەن كۈلۈپ كەتكەن، قارىغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قانۇنسىز قىلمىشىنىڭ ئېغىر جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلمىگەندەك قىلاتتى.

ساقچىلار ئارقىدىن بەلگىلىمە بويىچە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بۇ ئاپتوموبىلنى، ئىككى يۈرۈش راست-ساختا نومۇر تاختىسىنى ۋە شوپۇرنىڭ پىراۋىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قالغان، نومۇر تاختىسى ھازىر تەكشۈرۈپ باھالىنىۋاتىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتوموبىلنىڭ نومۇر تاختىسىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق قانۇنسىز ئەھۋاللار قاتناش قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا تەۋە بولۇپ، فەن xx ساختا نومۇر تاختىسى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا 5000 يۈەن جەرىمانە قويۇش ۋە پىراۋىسىدىن 12 نومۇر تۇتۇش جازاسى بېرىلىدۇ. (پىراۋىدىن 12 نومۇر تۇتۇلغاندىن كېيىن يەنە نومۇر تولۇقلاش تەربىيەلىشىگە ۋە ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ، ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئاندىن پىراۋىسى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ)، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە 15 كۈن تۇتۇپ تۇرىلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 梅西105 كۈن ئىلگىرى

    مانى كۆرەپ مەنمۇ كۇلۇپ كەتتىم ھىجاراپ ھا ھا ھا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号