باش بەت

ئادىلجان

8989يوللانما
127مەستانە

بېنىز V دەرىجىلىك Night Edition ئاپتوموبىلىنىڭ ئورگان سۈرىتى ئېلان قىلىندى

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 16:23 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 17-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا بېنىز V دەرىجىلىك Night Edition ئاپتوموبىلىنىڭ بىر گۇرۇپپا ئورگان سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە قارا سىر ۋە AMG زاپچاسلىرى ئىشلىتىلگەن. ئىگىلىنىشچە، بۇ ئاپتوموبىل 6-ئاينىڭ باشلىرىدا گېرمانىيەدە سېتىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەزى ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرقى نۇسخىدىكى V دەرىجىلىك ئاپتوموبىل 2014-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا تۆت يىل ۋاقىت بولدى، شۇڭا 2019-يىلىنىڭ باشلىرىدا كېيىنكى ئەۋلاد V دەرىجىلىك ئاپتوموبىل ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن. 

بۇ ئاپتوموبىلنىڭ سىرتىغا قارا رەڭ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئالدى چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسى، سىرتقى ئارقىنى كۆرۈنۈش ئەينىكى، 19 ديۇملۇق AMG ئاليۇمىن كۆپ شادىلىق چاق، ئالدى سالاسۇن ۋە دېرىزىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا قارا رەڭ بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالدى-ئارقا بىخەتەرلىك لىمىغا بىردەك AMG تەنھەرىكەت زاپچاسلىرى ئىشلىتىلگەن، چوڭ ئېغىزلىق ھاۋا كىرىش ئېغىزىغا ئاپتوموبىلنىڭ ئاستىدىكى قارا رەڭلىك بېزەك ماسلاشتۇرۇلغان. 

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىگە كۆپ مىقداردا قارا رەڭلىك Nappa ماتېرىيالى ئىشلىتىلىدىكەن ھەمدە پۇت سېلىنچىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا مەخسۇس بەلگە ئىشلىتىلىدىكەن. ھەرىكەت كۈچىگە كەلسەك، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ھەرىكەت كۈچى مەخسۇس ئەلالاشتۇرۇلمىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا 2.1Tلىق دىزېل ماتور سەپلەنگەن، بۇ ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 190 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 440 نيۇتون مېتىر، ئورگان تەرەپ ئېلان قىلغان ماي سەرپىياتى 6.8-7.5L/100km ئارىسىدا. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号