باش بەت

durdana

1772يوللانما
118مەستانە

مايكول جېكسوننىڭ قانچىلىك مەستانىسى بار؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 21:35 21 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مايكول جېكسوننىڭ مەستانىلىرى مىلياردقا يېتىدۇ دەپ پەرەز قىلىنغان، لېكىن زادى بىر مىلياردمۇ ياكى ئۈچ مىلياردمۇ بۇنىڭغا بىر نەرسە دېمەك بەك تەس. ئېيتىلىشىچە، ئۈچ مىليارد مەستانىنىڭ ئۇ ۋاپات بولغاندىكى بىۋاستە تارقىتىشنى كۆرگەنلىكى ئىستاستىكا قىلىنغان. گەرچە ئۇنىڭ قانچىلىك مەستانىسىنىڭ بارلىقىنى ئېنىقلىغىلى بولمىسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ ناخشا كېچىلىكىدە قانچىلىك ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېنىقلىغىلى بولىدۇ.

https://v.qq.com/x/page/j0316ixntch.html

1992-يىلى رۇمىنىيە بۇخارىسىتتىكى ناخشا كېچىلىكى ئۇنىڭ ئەڭ كىلاسسىك ناخشا كېچىلىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان، مەيدانغا 70 مىڭدىن جىق ئادەم كەلگەن. مەيداندا ئادەمنىڭ ئۈستىگە ئادەم تولۇپ كەتكەن، يەنە نۇرغۇن مەستانىلەر مەيدانغا كىرەلمەي مەيدان سىرتىدا تۇرغان. مەيدان ئەتراپىدىكى قاتناشنى نۇرغۇن ھەربىيلەر كېلىپ راۋانلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. كېچىلىكتىن بۇرۇنلا نەچچە ئون مىڭلىغان ئادەم قىستا-قىستاڭ بولۇپ كەتكەن. ئادەم كۆپ بولغاچقا ھاۋامۇ دىمىقلىشىپ، بەدىنى ئاجىزلار بەرداشلىق بېرەلمىگەن. جەمئىي 5000 دەك ئادەم نەق مەيداندا ئايلىنىپ قالغان ۋە كەيپىياتى كونتروللۇقىنى يوقاتقان، تېببىي خادىملار جەمئىي 2000 ئادەم بولغان. ئايلىنىپ قالغانلارنى بارلىق ناخشا مەستانىلىرى قولمۇ-قول ئېگىز كۆتۈرۈپ، قۇتقۇزغۇچى خادىملارغا يەتكۈزگەن.

تارىختىكى ھېچقانداق نەق مەيدان ناخشا كېچىلىكى ئۇنىڭدىن بەس تالىشالمايدۇ. ئۇ تۇمانلار ئارىسىدىن چىقىپ جىمجىت تۇرغان ۋاقتى ھەرقانداق كىشىنىڭ يۈرىكىنى جىغىلدىتىدۇ. بۇ «ئالدىن سىگنال» نى كۆرگەن ئالدىنقى رەتتىكى كىشىلەر ھاياجاندىن نېمە قىلارىنى بىلمەيلا قالغان. ئاندىن دۇمباق ئاۋازى بىلەن كۆزنى چاقنىتىدىغان چىراغ نۇرى نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرغان. بەزىلەر ۋارقىراپ ئۈنى چىقمايلا ھوشىدىن كەتكەن، سىندىن ۋىجىكرەك ئاياللارنىڭ سىقىپ چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

بۇداپشىتتىكى بۇ ناخشا كېچىلىكى ئۇنىڭ ئادەمنى مەپتۇن قىلىدىغان سېھرىي كۈچى ۋە نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىش قابىلىيىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىسپاتلاپ بەرگەن. ئۇنىڭ ھەر بىر ئۇسسۇل ھەرىكىتى مەستانىلەرنى خۇشلۇقتىن ساراڭ قىلىۋەتكەن. قىزلار چىرقىراپ توختىمغان، ياش بالىلار يىغلاپ، يۈزلىرىنى ياش بىلەن يۇيىۋەتكەن. ئۇلارنىڭ چۇقانلىرى پۈتۈن مەيداندا دولقۇن ھاسىل قىلغان. ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى، مايكول جېكسون كىشىلەر قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئەڭ ئىپتىدائىي ئىستىكىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. مەستانىلەرنىڭ قىقاس-سۈرەن سېلىپ، كۆز ياشلىرىنى توختىتىۋالالماسلىقىغا قاراپ، مۈشۈك شاھ ۋە بىتلىس مۇزىكا ئەترىتى يادىمىزدىن كېچىدۇ.

مەستانىلەرنىڭ ئەسەبىيلىكى 20 مىنۇتچە داۋاملاشقان، ئاندىن سەل نورماللىشىپ، جېكسوننىڭ مۇزىكىسىدىن ھوزۇرلىنىشقا باشلىغان.

ئۇ ھەقىقەتەنمۇ 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇزىكانت بولۇشقا لايىق. ئومۇمەن ئېيىتقاندا سىز ئۇنىڭ مەستانىسى بولمىسىڭىزمۇ ئۇنىڭ ماھارىتىنى كۆرۈپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۇسسۇلى جاھاندا بىر. ئۇ ئامېرىكا مەدەنىيىتىنىڭ بىر ئالماش سۆزىگە ئايلانغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 毒_______3 كۈن ئىلگىرى

    ھەقىقەتەنمۇ تالانت ئىگىسى ئىكەن

  • clever1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئامرىكىدا مايكول جىكسون بولسا جۇڭگۇدا ياسىن جىكسون بار ئەمەسمۇ شۇنداقمۇ باللا

  • 双鱼座骑士1 ھەپتە ئىلگىرى

    بەزى دوسلىرىمىزنىڭ ئىددىيىسدىن ئۆتمەسلىكى مومكىن، لىكىن ئامرىكىدا مۇنداق بىر گەپ بار، يەنى :ئامىرىكا زۇڭتۇڭىنى بىلمىسىڭىز كارايىتى چاغلىق، لىكىن مايكولنى بىلمىسڭىز بولمايدۇ

  • بارسېلونا1 ھەپتە ئىلگىرى

    مايكول جېكسون ياسىن جېكسونغا يەتمەيدىكەن ھا ھا ھا

  • سادېر پالۋان1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىشۇ ئشلاغىمۇ ئايلىنىپ كىتەمدە ھەقىچان ئاتا ئانسى ئولەپ كەتسە ھىچ ئىش بولمىغاندەك يۇرۇيدۇ جىكسۇن دەپ كىتىدېكەن تىخى

  • ......1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي ، بۇ ئادەمنىڭ سېھرى كۈچىنى ھېچ نېمىگە تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ، ناخشا مۇزىكىلىرى تەڭداشسىز گۈزەل.

  • زېرەك شاھزادە1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھە ئەسلى خاسىيەتلىك ئادەم ئىشتاننىڭ تۆپپىسىگە كۇسار كىيىشنى مايكول جىكسوندىن ئۈگۈنۈپتىكەن ھە

  • ئەجنەبىي ؟؟؟؟1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن مايكولنىڭ ئەشەددى مەستانىسى ،بەلكىم يېشى كچىكلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن ،مەيلى سىز مايكول جېكسوننىڭ مەستانىسى بولمىسىڭىزمۇ توردىن بولسىمۇ كېچلىكىنى ، شەخسى تۇرمۇشغا ئالاقىدار مەزمۇنلارنى كۆرۈپ قويۇڭ .

  • ئۈمۈت ۋار1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي شۇۋاقىتلار، نىمدىگەنھە،شاگىرت لىرىم ئىچىدە، ئەڭ ياخسسي ئىدي، مايكۇل جىكسۇن، بىرقۇللۇق، تەربىلگەنتىم، ئۇني، ئۇماڭا ناچارلىق قىلدي، لىكن، پۇل تاپقىندا، مىني، مىھمان قىلايمۇ دىمدي، پىسپاس

  • arkin✨1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋاي توۋا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号