باش بەت

رازى

1870يوللانما
57مەستانە

ئاسترونوملار چۈمۈلە يۇلتۇز بۇلۇتىدىكى سىرلىق لازېر نۇر مەنبەسىنى تاپتى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 16:11 0 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 17-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

خەلقئارالىق ئاسترونومىيە تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار ئالەم تۇمىنى Menzel 3 يەنى چۈمۈلە تۇمىنى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل سەييارىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئاسترونومىيە تۇمىنىنىڭ مەركىزىي قىسمىدىن ئاز ئۇچرايدىغان لازېر نۇرى تارقىلىشنىڭ سەۋەبىنى تاپقان. تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، قاپقاراڭغۇ ئالەم بوشلۇقىنىڭ مەركىزى قىسمىدا ھازىرغىچە بايقالمىغان ھەمراھ يۇلتۇز يوشۇرۇنغان ئىكەن. Menzel 3نىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى تەخمىنەن 8000 نۇر يىلى كېلىدۇ، بۇ ئاسترونومىيە تۇمىنى 1920-يىلى دونالد مېنزېل (Donald Menzel) تەرىپىدىن بايقالغان، ئۇنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى چۈمۈلىنىڭ باش ۋە كۆكرەك قىسمىغا ناھايىتى ئوخشايدۇ.

خۇببېل تېلېسكوپى بىلەن تارتىلغان چۈمۈلە تۇمىنى سۈرىتى


كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بۇ تۇمان سەييارە شەكىللىك ئاسترونومىيە بۇلۇتى تارقاق جىسىم جەمەتىنىڭ بىر ئەزاسى. گەرچە ئۇنىڭ ئىسمى ئادەمنىڭ تىلىغا كەلمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ چىرايلىق تۈزۈلۈشى ۋە شەكلىنىڭ سەييارە بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئەكسىچە، ئۇنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى بولسا قۇياش سىستېمىسىدىكى ئوتتۇرا ئېغىرلىقتىكى تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ يوقىلىپ كېتىشى بىلەن باراۋەر.

بۇنداق تۇرغۇن يۇلتۇزلار كۆپ قىسىم ھىدروگېن زاپىسىنى خوراتقاندىن كېيىن ئالەملىك تارتىش كۈچى سەۋەبىدىن غۇلاپ چۈشۈپ قىسقىرايدۇ. بۇ جەرياندا تۇرغۇن يۇلتۇزدىكى قالغان ماددىلار بېسىلىپ تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىدۇ ھەمدە ئېشىپ قالغان ھىدروگېن گازىنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆپتۈرۈپ غايەت زور قىزىل گىگانت يۇلتۇزنى شەكىللەندۈرىدۇ.

بۇ چاغدا تۇرغۇن يۇلتۇزدا گېلىي يادرو رېئاكسىيەسى يۈز بېرىشكە باشلايدۇ ھەمدە كاربون ھاسىل بولىدۇ، تۇرغۇن يۇلتۇز كۆيۈشكە باشلاپ بىر مىليارد يىل ئەتراپىدا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، قىزىل گىگانت يۇلتۇزدىكى گېلېي زاپىسى تۈگەيدۇ، ئارقىدىن يادروسى قىسقىراپ ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىدۇ. قالدۇق قىسىمى داۋاملىق خۇددى Menzel 3كە ئوخشاش سەييارە شەكىللىك ئاسترونومىيە تۇمىنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىچكى يادروسى داۋاملىق ئاسترونومىيە بۇلۇتىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىدۇ. 

ياۋروپا ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسى سىزىپ چىققان تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئۆزگىرىش يولى خەرىتىسى 


ھېرشېل سەييارە شەكىللىك ئاسترونومىيە تۇمىنىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنىڭ بىر قىسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى يېقىندا ئالەم تېلېسكوپى ئارقىلىق چۈمۈلە تۇمىنىنى كۆزىتىپ، ئۇنىڭ يىراق ئىنفىرا قىزىل نۇر ئالاھىدىلىكى ھەققىدە ئىزدەندى.

ھېرشېل تېلېسكوپىنىڭ كۈچلۈك ئىنفىرا قىزىل نۇر ئىقتىدارى چۈمۈلە تۇمىنىنىڭ مەركىزىي رايونىدىكى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان لازېر نۇرى تارقىتىش ھادىسىسى، يەنى ھىدروگېن بىرىكمە نۇرلۇق لازېر نۇرى قويۇپ بېرىش ھادىسىنى ئېچىپ بەردى.

ھازىرغا قەدەر پەقەت ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئىنفىرا قىزىل لازېر نۇرى قويۇپ بېرىش ھادىسىسى بايقالغان، ئىلگىرى كىشىلەر بۇ خىل ھادىسىنى پەقەت ئالاھىدە شارائىتتا يۈز بېرىدۇ، دەپ پەرەز قىلغان. ئاسترونومىيە ئالىملىرى سەييارە شەكىللىك ئاسترونومىيە تۇمىنىنىڭ ئىيونلاشقان گازدىن تۈزۈلگەن قاراڭغۇ بۇلۇتىنىڭ مەركىزى قىسىمىنى بىۋاسىتە كۆرۈشكە ئامالسىز قالغان.

يۇقىرىقى ئاسترونومىيە تۇمىنىنىڭ مەركىزىي قىسمىدىن تارقالغان لازېر نۇرى تەتقىقاتچىلارنى ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇ خىل ھادىسىنىڭ شەكىللىنىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ تۇمان زىچلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، تەخمىنەن چۈمۈلە تۇمىنىدىكى گاز زىچلىقىنىڭ 10000 ھەسسىگە باراۋەر بولۇشى مۇمكىن.

پاكىزلاش ئۆيىدىكى ھېرشېل تېلېسكوپى


قىزىل گىگانت يۇلتۇزنىڭ ئاق پەتەك يۇلتۇزغا ئۆزگىرىشى ئىنتايىن ئالاھىدە جەريان، چۈنكى بۇ جەرياندا شۇ رايوندىكى تۇرغۇن يۇلتۇز ماددىلىرى ئۈنۈملۈك تازىلىنىدۇ، بارلىق قالدۇق گازلار سۈمۈرۈلۈپ يۇتۇۋېتىلىدۇ. تەتقىقاتقا قاتناشقۇچى مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا ۋە ئاسترونومىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ئالبېرت (Albert Zijlstra)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، گازلارنىڭ تۇرغۇن يۇلتۇزغا يېقىنلىشىشنى ساقلاپ قېلىشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇلى بولسا ئۇنىڭ يۇمىلاق جىسىمنى بويلاپ توختىماستىن ئايلىنىشى ئىكەن. يۇقىرىقى ھادىسىدە تەتقىقاتچىلار گىرۋەككە يېقىن ئورۇندا تۇرۇپ ناھايىتى زىچ بولغان يۇمىلاق تەخسىسىمان جىسىمنى كۆزەتكەن، بۇ يۆلىنىش لازېر نۇرى سىگنالىنى چوڭايتىشقا پايدىلىق ئىكەن.

يۇمىلاق تەخسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ قوش يۇلتۇز سىستېمىسىغا ئىگە ئىكەنلىكى، ھەمراھ يۇلتۇز ئۇنى توغرا يۆنىلىش تەرەپكە ئايلاندۇرمىغان ئەھۋالدا گازنى پۈركۈپ ئوربىتىغا كىرگۈزۈشىنىڭ ناھايىتى قىيىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号