باش بەت

قەدرۇس65

1634يوللانما
28مەستانە

ئۈندىداردا «بايۋەتچە» بىلەن تونۇشقان ئايالنىڭ 300 مىڭ يۈەن پۇلى ئالداپ كېتىلدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 16:48 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 17-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۈندىدارنىڭ ئەتراپتىكىلەرنى ئىزدەش ئىقتىدارى بار، لېكىن بۇ ئەتراپتىكىلەر زادى قانداق كىشىلەر سىز بىلمەيسىز، يېقىندا مەلۇم بىر ئايال مۇشۇ ئىقتىدار ئارقىلىق «ئىككىنچى ئەۋلاد بايۋەتچە»دىن بىرى بىلەن تونۇشۇپ قالدى.

2016-يىلى يازدا، شياۋ بىن ئىسىملىك ئەر ئۈندىدار ئارقىلىق ليۇ خانىم بىلەن پاراڭلاشقان، شياۋ بىننىڭ يېقىملىق سۆزلىرى ليۇ خانىمنى جەلپ قىلغان، يەنە كېلىپ ئۇ ئۆزىنى ئىككىنچى ئەۋلاد بايۋەتچە دېگەچكە ليۇ خانىم تېخىمۇ قىزىقىپ قالغان.

ليۇ خانىمنىڭ ئاغزىدىكى بۇ سەمىمىي ئادەم ئەمەلىيەتتە ئازراقمۇ سەمىمىي ئەمەس ئىدى، ئىككەيلەن ئارىلىشىپ بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن شياۋ بىن ليۇ خانىمنى بىر ئىشىغا ياردەم قىلىشنى سورىدى.

تۇنجى قېتىم شياۋ بىنغا پۇل بېرىپ تۇرغاندىن كېيىن ليۇ خانىم شياۋ بىننىڭ ھەر دائىم مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋالغا ئۇچراپ قالىدىغىنىنى بايقىدى، يەنە كېلىپ ھەر قېتىم ئۇنىڭ ياردىمىدە ئۆتكەلدىن ئۆتتى. ليۇ خانىمنىڭ ئۈندىدارى شياۋ بىننىڭ پۇل بېرىپ تۇرۇشنى سۈيلەش ئۇچۇرلىرى بىلەن تولدى. قەرز ئېلىش قېتىم سانى كۆپەيگەندىن كېيىن ليۇ خانىم گۇمانلىنىشقا باشلىدى، لېكىن شياۋ بىن ھەر قېتىم گۈزەل كەلگۈسىنى دەستەك قىلىپ ئۇنى ئىشەندۈردى.

ليۇ خانىم ئىككى دۇكاننىڭ خوجايىنى، شياۋ بىنغا بېرىپ تۇرغان پۇللارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە دۇكاننىڭ سودىسىنى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن يىغىپ قويغان پۇللار ئىدى. مۇشۇ يىلى 4-ئايدا دۇكاندا مەبلەغ يېتىشمەسلىك سەۋەبلىك مەسىلە كۆرۈلدى، لېكىن شياۋ بىن تاكى شۇ چاغقىچە پۇلنى قايتۇرۇشنىڭ گېپىنى قىلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ليۇ خانىم ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى تاللىدى.

چېتىشلىق سومما بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا ساقچىلار دەرھال دېلوغا تۇتۇش قىلدى، ليۇ خانىم تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن جىنايەت گۇماندارى شياۋ بىننىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى ئېنىقلاپ چىقىلدى.

ئۆزىنى شياۋ بىن دەۋالغان گاۋ فامىلىلىك بۇ جىنايەت گۇماندارى مەلۇم بىر كان رايونىدا قولغا ئېلىندى، ساقچىلار ئۇنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد بايۋەتچە نىقابىنى يىرتىپ تاشلىدى.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، ليۇ خانىم بىلەن ئارىلىشىش باسقۇچىدا ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىنتايىن ئامراق بولۇپ قالغانلىقىنى، مىجەزىنىڭمۇ ئىنتايىن كەسكىن ھەم دادىل ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ پۇل سوراش ئىستىگى قوزغالغانىكەن، كېيىن سومما بارا-بارا ئۆرلەشكە باشلىغان، بېشىدا نەچچە مىڭ يۈەن سورىغان بولسا ئاخىرىغا بېرىپ ئون، يىگىرمە مىڭ يۈەن سوراشقا باشلىغان.

گاۋ فامىلىلىك ئەر ھازىر ساقچى ئورگانلىرى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىلىپ قويۇلدى، دېلو تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ قاراپ چىقىلىۋاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号