باش بەت

ئادىلجان

7509يوللانما
128مەستانە

ئاسترونوملار 13.3 مىليارد يىل بۇرۇنقى ئوكسىگېن ئېلېمېنتىنى ئېنىقلاپ چىقتى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 16:58 3 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 17-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقاتقا ئاساسلانغاندا، بىر خەلقئارا ئاسترونوملار ئەترىتى ئىنتايىن يىراق يۇلتۇز سىستېمىسى MACS1149-JD1دىن ئوكسىگېن ئېلېمېنتىنى بايقىغان. بۇ يۇلتۇز سىستېمىسى يەر شارىغا تەخمىنەن 13 مىليارد 280 مىليون يورۇقلۇق يىلى كېلىدۇ. 13 مىليارد 800 مىليون يىل بۇرۇن چوڭ پارتىلاش يۈز بەرگەن ۋاقىتتا ئالەم بوشلۇقىدا پەقەت ھىدروگېن، گېلېي ۋە مىكرو مىقداردىكى لىتىىي ئېلېمېنتى بار ئىدى. ئوكسىگېن ئېلېمېنتى ئالەم بوشلۇقى بارلىققا كەلتۈرگەن تۇرغۇن يۇلتۇزدا ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇپ، پىلانېتنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئالەم بوشلۇقىغا تارقالغان. 

بۇ قېتىملىق كۆزىتىش نەتىجىسى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئالەم بوشلۇقى پەيدا بولۇپ 500 مىليون يىل بولغاندا دەسلەپكى پىلانېت ئىشلەپچىقارغان ئوكسىگېن ئېلېمېنتى بۇ يۇلتۇز سىستېمىسىدا سىرتقا تارقالغان. تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئالما تېلېسكوپى ۋە خۇببل تېلېسكوپى، شۇنداقلا سپىتزېر ئالەم بوشلۇقى ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تېلېسكوپ ئۆلچەپ چىققان سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ 13 مىليارد 550 مىليون يىل بۇرۇن يەنى ئالەم بوشلۇقى بارلىققا كېلىپ 250 مىليون يىلدىن كېيىن جانلانغان يۇلتۇز ياساش ھەرىكىتى باشلانغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ALL★STAR1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئوكسىگىن ماددا بولماي روھ ما؟

  • تاماخور1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئوكسىگىن ماددا ئەمەس ، دە

  • ALL★STAR1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئوكسىگىن كىيىن پەيدا بولغان بولسا، بۇ فىزىكىدىكى «ماددا يوقالمايدۇ، يوقلۇقتىن بارلىققا كەلمەيدۇ» دىگەن ئېنىقلىمىغا زىت بولۇپ قالدىغۇ؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号