باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13938يوللانما
1423مەستانە

دۇنيادىكى ئەڭ ئوماق مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئويۇنى: مەن سېنى كۆرمىسەملا ھېساب

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 16:29 6 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دۇنيادىكى ئەڭ ساددا، ئەڭ ئوماق بالىلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ھەمىشە چوڭلارنىڭ ھەم ئاچچىقىنى كەلتۈرسە ھەم كۈلكىسىنى كەلتۈرىدۇ. «قۇياش گېزىتى» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر قىسىم چەتئەللىك تورداشلار بالىلىرىنىڭ مۆكۈ-مۆكىلەڭ ئوينىغاندىكى سۈرەتلىرىنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا يوللىغان. بۇ ئەڭ يېڭى «ئوچاقتىن» چىققان، ئەڭ «قاملاشمىغان»، بىراق ئەڭ ئوماق مۆكۈ-مۆكۈلەڭ سۈرەتلىرىدە، بالىلارنىڭ يوشۇرۇنىۋالغان جايلىرى ئىنتايىن روشەن بولۇپ، تاپالماي دېسىمۇ، ئامال بولمايدىغاندەك قىلاتتى.

بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تورداش: «بالام مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئوينىغاندا، ھەمىشە ئۇ مېنى كۆرەلمىسىلا، مېنىمۇ ئۇنى كۆرەلمەيدۇ دەپ قالىدۇ»، دېگەن.

چوڭلار بىردەمدىلا بالىسىنىڭ قەيەرگە يوشۇرۇنغانلىقىنى تاپالىسىمۇ، بىراق ھەمىشە كۈلكىسىنى زورىغا بېسىپ، يالغاندىن تاپالمىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ.

بەدەن شەكلى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، بۇ شاكىچىك ئەڭ چوڭ ئەخلەت تۇڭىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنىۋالغانىدى، توختاڭ، بۇنىڭدا سەل مەسىلە بارمۇ قانداق؟

«ئىشقىلىپ كارىم يوق، مەن ئاپامنى كۆرمەيمەن. دېمەك، ئاپاممۇ مېنى تاپالمايدۇ، چىرايىمنى توسۇۋالساملا بولدى».

ئۇ بەلكىم بۇ بالىلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ ياخشى مۆكىنىۋالغان بىرى بولۇشى مۇمكىن. مۇكەممەل ھالدا يېنىدىكى ئائىلە جابدۇقلىرى بىلەن بىرىكىۋاپتۇ. مۇنداقلا قارىسىڭىز، ئەلۋەتتە، تاپالمىغۇدەكسىز.

يوتقاننىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنىۋېلىش ئەڭ ياخشى ئامال.

تورداشلار بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىنمۇ ئىختىيارسىزلا كۈلۈشۈپ، بالىلارنىڭ ساددىلىقىدىن سۆيۈندى. يەنە بىر قىسىم تورداشلار، ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن بالام بىلەن مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئويناپ باقاي، قېنى ئۇ قەيەرگە يوشۇرۇنىدىكىن، دېيىشتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئايسۇلۇ1791495 كۈن ئىلگىرى

    قۇلاقنى ئىتۋېلىپ قوڭغۇراق ئوغۇرلىماق دىگەندەك

  • بودەك قىز5 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭ بالام ھەمىشە پەردە ياكى يوتقاننىڭ ئىچىگە كىرۋىلىپ مەن نەدە دەپ سورايدۇ بەكلا ئۇماق

  • جامالىم5 كۈن ئىلگىرى

    ئالدىنقى كۈنى ئىككى ھەدەمنىڭ ئوغىلى مۆكۈمۆكۈلەڭ ئوينىغان ئىدى ، بىرسى يۈگۈرۈپ كىرىپلا مەن ئولتۇرۋاتقان ئۆيدىكى كۆرپىنىڭ ئاستىغا كىرۋالدى ، يەنە بىرسى ساناقنى ساناپ بولۇپ يۈگۈرۈپ كىرىپلا كۆرپىنى قايرىپ ئۇنى تېپىۋالغان ئىدى ، شۇنىڭ بىلەن كۆرپىنىڭ ئاستىغا مۆكۈنىۋالغىنى مەن بىلەن ئۇرۇشۇپ بىر بولدى ، سەن دەپ بەردىڭ دەپ ، ئۇنى دەپ بېرىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ

  • پىنھانە5 كۈن ئىلگىرى

    بالىلىق چاغلار نىمىدىگەن گۈزەل ھە…

  • زىنھارى، ،،،،،،،،5 كۈن ئىلگىرى

    مىنىڭ ئوغلۇممۇ مۇشۇ ئوماقلاردەك يۇشۇرناتتى ، بىشىنى تىقىۋىلىپ ئاياغ تەرىپىنى ئوچۇق قۇيۇپ ، بۇ قىلىقى بەك تاتلىق

  • يۇلتۇز ،5 كۈن ئىلگىرى

    بالىلار نىڭ ،ئەڭ ئوماق ،ئەڭ تاتلىق ۋاقتى ،مەنمۇ قىزىم بىلەن شۇنداق ئوينايتىم ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号