باش بەت

قەدرۇس65

1638يوللانما
28مەستانە

يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قازا قىلغان تىلەمچى ئايالنىڭ بىر مىليون پۇلى بارلىقى ئېنىقلاندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 17:31 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 17-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سەئۇدى ئەرەبىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىۋان پايتەختى بېيرۇتتا مۇشۇ سەيشەنبە كۈنى فاتىمە ئوسمان ئىسىملىك بىر مېيىپ تىلەمچى قازا قىلىپ كەتكەن، ساقچىلار ئۇنىڭ جەسىتىنى بابىر رايونىدىكى مەلۇم بىر تاشلىۋېتىلگەن ماشىنىدىن بايقىغان، ساقچىلارنى ھەيران قالدۇرغىنى، فاتىمەنىڭ قولىدا بىر خالتا بار بولۇپ، ئىچىدە تەخمىنەن 21129 يۈەن خەلق پۇل بار ئىكەن، بۇ نەق پۇللاردىن سىرت، ئۇنىڭ بانكا ھېساباتىدا يەنە بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق ئامانىتى بار بولۇپ چىققان.

ئىچكى قىسىم ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، 52 ياشلىق فاتىمە يۈرەك كېسىلى توساتتىن قوزغىلىپ قازا قىلغانىكەن، ئۇلار بۇ پۇللارنى بايقىغاندىن كېيىن تولىمۇ ھەيرانلىق ھېس قىلغان.

فاتىمە تىلەمچىلىك قىلىۋاتقىلى ئىنتايىن ئۇزۇن بولغان بولۇپ، تىلەمچىلىك قىلىدىغان ئورنىمۇ بىر قەدەر مۇقىم ئىكەن، شۇڭا بابىر رايونىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى تونۇيدىكەن. ئۇنىڭ بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق ئامانىتى بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن نۇرغۇن تورداشلار تىلەمچىلىك بولىدىغان كەسىپمۇ نېمە؟ دېگەن.

فاتىمەنىڭ پۇت-قولى ياخشى ئىشلىمەيدۇ، شۇڭا ھەر دائىم يول بويىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىدۇ، بابىر رايونىدىكى ئاھالىلىكلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ ئىنتايىن مۇلايىم ۋە ئاقكۆڭۈل كىشى، لېكىن كۆزىدىن ھەر دائىم قايغۇ نۇرى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. 

فاتىمە قازا قىلغاندىن كېيىن، ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەسلى لىۋاننىڭ شىمالىدىكى ئايىن زاھاب بازىرىلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى بىلەن ئالاقىلاشقان، فاتىمەنىڭ تۇغقانلىرى مۇشۇ چارشەنبە كۈنى ئۇنى دەپنە قىلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، فاتىمەنىڭ ئانىسى ھايات بولۇپ، يەنە ئىككى ئىنىسى ۋە بەش ئاچا-سىڭىللىرى بار ئىكەن، ئۇلار بۇ پۇلدىن بىخەۋەر ئىكەن. ھازىرغىچە بۇ پۇلنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىقلانمىغان بولغاچقا، ئالاقىدار تەرەپلەر قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا بېشى قاتقان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号