باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

11367يوللانما
1449مەستانە

توشقان كالپۇكلۇق قىز ئون قېتىم ھۆسن تۈزىتىپ ساھىبجامالغا ئايلاندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 18:30 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيەنىڭ غەربىي ساكسېكتىن كەلگەن 25 ياشلىق قىز لائۇرا خاۋكېس كالپۇك-تاڭلاي يېرىقى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، تۇغۇلۇشىدىنلا توشقان كالپۇك بولۇپ، باشقىلارغا ئوخشىمىغاچقا، ئون قېتىم شەكىل تۈزەتكەندىن كېيىن، ئاخىرى ساھىبجامالغا ئايلىنىپ، ئىلگىرىكىدىن ئاسمان-زېمىن پەرقلەندى.

كالپۇك-تاڭلاي يېرىقى بىر خىل تۇغما غەيرىيلىك بولۇپ، بوۋاق ئانىنىڭ بالياتقۇسىدا تولۇق يېتەلمەي ئېغىزىدا يېرىقچە پەيدا بولىدۇ. ھەر 700 بوۋاقنىڭ ئىچىدە بىر بالا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ بىۋاستە تەسىرى بولسا، يۈز قىسىمىنىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

لائۇرانىڭ كېسەللىك ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، ئاغزى بىلەن بۇرنىنىڭ ھەر ئىككىلىسىلا ئانچە نورمال ئەمەس.

«ئائىلەمدىكىلەر ياكى دوستلىرىم ئەزەلدىن مېنى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغاندەك ھېس قىلمايدۇ، بىراق مەن مەكتەپتە ئەڭ چوڭ كۈلۈش نۇقتىسى». گەرچە لائۇرا ئىزچىل ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ كۆيىنىشى ئاستىدا چوڭ بولسىمۇ، بىراق مەكتەپتە ساۋاقداشلىرىنىڭ مەسخىرىسىنى يەتكۈدەك تارتتى.

لائۇرا 14 يېشىدا بىر ئوغۇل ساۋاقدىشى ئوقۇتقۇچى سىنىپتىن ئايرىلغاندا، بىۋاستىلا بۇرنىنى ئۈستىگە ئىتتىرىپ، ئۇنىڭ تەقى-تۇرقىنى دوراپ، يۇقىرى ئاۋازدا مەسخىرە قىلدى. مۇئەللىم بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن، لائۇرانىڭ ئورۇنىنى ئالماشتۇرۇش تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا: «سىزگە دەرس بېرىشىم، سىزنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن ئەمەس» دېدى. 

شۇنىڭدىن كېيىن، مەكتەپتە ئوقۇش لائۇرا ئۈچۈن بىر ئىنتايىن ئازابلىق ئىشقا ئايلاندى. ئۇ تەقى-تۇرقى سەۋەبلىك نومۇس ھېس قىلدى. بىراق ئەزەلدىن ئۆزىنى كۆرۈمسىز دەپ قارىماستىن بەلكى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئادەم دەپ قارىدى. پەقەت باشقىلارنىڭ باشقىچە نەزىرى ئۆزىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى قوبۇل قىلدۇرالمىغانىدى.

بارلىق ئىشلارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، لائۇرا ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالىنىشنى قارار قىلدى. ئوپېراتسىيە جەمئىي ئون قېتىم قىلىنغان بولۇپ، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئاغزىنى تۈزىگەن. ئەڭ چوڭ ئوپېراتسىيە بولسا قوش ئېڭەك ئوپېراتسىيەسى بولۇپ، بېشىغا 14 تال مىخ قېقىلغان.

«كىشىلەر ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى سۈرىتىمنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچىدى. ھەمدە قانداق قىلىپ ھازىرقى ھالەتكە يەتكەنلىكىمنى سورىدى». چۈنكى ئېغىزىنىڭ كەمتۈكلىكى سەۋەبلىك، لائۇرا كىچىكىدىن باشلاپلا كەمسۆز بولۇپ، ھۆسن تۈزىتىش ئوپېراتسىيەسىنى قىلغاندىن كېيىن، باشقىلارغا ئەسلىدىكى ھېكايىسىنى سۆزلىدى.

لائۇرانىڭ دېيشىىچە، بۇ كىشىلەر خۇددى تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ مۇكەممەل تۇرقىنى كۆرگەندىكىدەك ھەيران قېلىشقان بولۇپ، ئىلگىرى بىزار بولغان ئۇلار ھازىر ھەۋەس قىلىشقان.

«مېنىڭچە، كالپۇك-تاڭلاي يېرىقى كىشىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك تۇغۇلۇشىدىنلا بولىدىغان كەمتۈكلۈك ئەمەس، پەقەت ئوخشىماسلىق خالاس». لائۇرانىڭ يۈزىنىڭ ئۆزگىرىشى ئوخشاشلا توشقان كالپۇكلۇك كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرىنىڭ كىملىكىنى سوراۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر باشقا بىمارلارغىمۇ ياردەم قىلىپ قەلب يارىسىنى داۋالاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تاتلېقجان (مېسكېن)1 ھەپتە ئىلگىرى

    راس گۇزەللېشېپ كېتېپتۇ بۇ چوكان ،نۇر تورېدا چوقۇم ماس كېلدېغانلا با دېمەكچېدە بۇ يەدە

  • دەت تاتقان بويتاق1 ھەپتە ئىلگىرى

    بەختىلىك بۇلۇڭ قىز چاق چۇقۇم بىر ياخشى ھەمرا چىقسۇن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号