باش بەت

ئادىلجان

8989يوللانما
127مەستانە

دامەي X5 ئاپتوموبىلىنىڭ كىلاسسىك نۇسخىسى بازارغا سېلىندى: باھاسى 69 مىڭ يۈەندىن 99 مىڭ يۈەنگىچە

مەنبە:ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 18:09 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل ئائىلىسى تورى 17-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا دامەي ئورگان تەرەپتىن ئىگىلىنىشچە، دامەي X5نىڭ بەش خىل كىلاسسىك نۇسخىسى چىقىرىلغان، بۇ ئاپتوموبىلغا 1.6Lلىق ۋە 1.5Tلىق ئىككى خىل ماتور ئىشلىتىلگەن، يېتەكچى باھاسى 69 مىڭ 900 يۈەندىن 99 مىڭ 900 يۈەنگىچە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە نۆۋەتتىكى دامەي X5نىڭ ئەلالاشتۇرۇلغان نۇسخىسى، ئالاھىدە قىممەتلىك نۇسخىسى، ئاق ئالتۇن نۇسخىسى قاتارلىق كۆپ خىل تىپى بىردەك ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىلىپ سېتىلىش ھالىتىنى ساقلاپ قالدى. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ تەپسىلىي باھاسى تۆۋەندىكىچە:

سۈرەتتىكىسى 2017-يىللىق نۇسخىدىكى دامەي X5نىڭ ئاق ئالتۇن نۇسخىسى


بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ئانچە ئۆزگەرمىگەن بولۇپ، ئاساسلىقى سەپلىمىسى ئەلالاشتۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۆرۈنۈشلۈك تۈڭلۈك كىلاسسىك نۇسخىدىكى تىپىدا ئۆلچەملىك سەپلىمە قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قىسمەن تىپىغا يەنە ئاچقۇچسىز كىرىش، بىر كۇنۇپكىدا قوزغىتىش، ESP، ئالدى رەت يان يەل خالتىسى ۋە سەككىز ديۇملۇق مەركىزىي كونترول ئېكرانى قاتارلىقلار سەپلەنگەن. ھەرىكەت كۈچىگە كەلسەك، بۇ ئاپتوموبىلغا 1.6Lلىق ۋە 1.5Tلىق ئىككى خىل ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى ئايرىم-ئايرىم  116 ئات كۈچى ۋە 150 ئات كۈچى، ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسىغا بەش خوتلۇق قولدا باشقۇرۇلىدىغان ۋە CVT تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号