باش بەت

قەدرۇس65

1638يوللانما
28مەستانە

رۇسىيەلىك تورداشلار زۇڭتۇڭ پۇتىننى ماشىنا ھەيدىگەندە بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىدى دەپ ئىنكاس قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 18:09 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 17-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇ نەچچە كۈندە رۇسىيەلىك تورداشلار تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى، نېمىشقا دەمسىز؟ ئۇلار زۇڭتۇڭ پۇتىندىن پۇتاق تېپىش ھەلەكچىلىكىدە.

يېقىندا «پۇتىن پىراۋىسىز ماشىنا ھەيدىدى» دېگەن خەۋەر تور دۇنياسىنى بىر ئالدى، لېكىن رۇسىيەلىك تورداشلار زۇڭتۇڭىنىڭ قابىلىيىتىدىن بىخەۋەر ئوخشايدۇ، ئىلگىرى جاسۇس بولۇپ باققان پۇتىن 20 يىل بۇرۇنلا ھەر خىل پىراۋىلارنىڭ ئىگىسى بولۇپ بولغان.

لېكىن رۇسىيەلىكلەر ئالدىراپ ئۇتتۇرغىنىغا تەن بەرمەيدىغان مىللەت، پۇتاق تېپىشتىمۇ ھەم شۇنداق. كۆزى ئۆتكۈر تورداشلار پۇتىننىڭ ماشىنا ھەيدىگەندە بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىغانلىقىنى بايقاپ قالغان، بۇ ئەلۋەتتە ئالاقىدار قاتناش قانۇنىغا خىلاپ. 

پۇتىن بىلەن جاھان كېزىپ كۆپ ئىش كۆرۈپ پىشىپ كەتكەن زۇڭتۇڭ كاتىپى پېسكوف بۇنىڭغا قارىتا: «مەن ھېچنېمىنى كۆرمىدىم» دەپلا ئۆزىنى چەتكە ئالغان.

بۇ جاۋاب ئەلۋەتتە كۆپچىلىكنى قايىل قىلالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن رۇسىيە فېدراتىپ خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سىمىنوف ئوتتۇرىغا چىقىپ: «شۇنداق، پۇتىن گازارىيە كۆۋرۈكىدىن ماشىنا ھەيدەپ ئۆتكەندە ھەقىقەتەن بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىغان، لېكىن بۇ بۆلەك كۆۋرۈك يولىنى ماشىنا يۈرۈش يولى دېيىشكە بولمايدۇ، شۇڭا پۇتىن ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان ھېسابلانمايدۇ».

«گازارىيە كۆۋرۈكىنىڭ رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن ۋاقتى 16-ماي سەھەر 5:30، زۇڭتۇڭ پۇتىن 15-ماي بۇ بۆلەك يول رەسمىي ئېچىلىشتىن بۇرۇنقى ئامما مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشقان. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا بۇ يەرنى پەقەت بىر قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يول بۆلىكى دېيىشكە بولىدۇ، ماشىنا يۈرۈش يولى ئەمەس، شۇڭا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرىمايدۇ، بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىغانلىقمۇ زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزمىدى».

مەيلى قانداقلا بولمىسۇن رۇسىيەلىك تورداشلارنىڭ قاتناش قانۇنى ئېڭىنى ھەقىقەتەن يۇقىرى دېيىشكە بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئۇچقۇچى1 ھەپتە ئىلگىرى

    رۇزىجان ناھايىتى توغرا گەپ قىلدىڭىز

  • رۇزىجان؟1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەمما لىكىن ئىنسان دىگەن بۇ ئىككى پۇتلۇق مەخلۇق ئاجايىپ نەرسىكەنمىز ئون قىتىم ياخشىلىق قىلىپ بىر قىتىم خاتالىشىپ قالسا ھەممىسى نۆل نۆل نۆل نۆل

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号