باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

11367يوللانما
1449مەستانە

ئامېرىكىدىكى ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىنى سېتىۋەتمەكچى بولغان بىرەيلەن يەنە ئۈستەك قوشتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 17:47 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرى دۇنيادىكى ئالىي دەرىجىلىك شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆي باھاسىنىڭ قىممەتلىكىنى ئويلىمىساقمۇ بىلەلەيمىز. بىراق نيۇيورك ئىشتاتىنىڭ Atelier رايونىدىكى بىر يۈرۈش تۇرالغۇ يۇقىرى باھادا سېتىلىشتىن باشقا يەنە كۆزنى ئالاھىدە چاقنىتىدىغان سوۋغاتلىق بۇيۇملارنىمۇ بەرمەكچى. بۇ ئوچۇق ئاشكارا بازارغا سېلىنغان ھەشەمەتلىك تۇرالغۇنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1400 كىۋادىرات مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، باھاسى 85 مىليون دوللار (تەخمىنەن 540 مىليون يۈەنگە باراۋەر)

ئۆي باھاسىنىڭ يۇقىرىلىقى گەرچە كىشىلەرنىڭ ئاغزىنى «چاكىلداتسىمۇ»، بىراق سوۋغاتلىق بۇيۇملارمۇ قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە. بۇنىڭ ئارىسىدا ئىككى روللىس رويىس ئاپتوموبىلى ھەمدە لەمبورگىنىنىڭ سىپورت ئاپتوموبىلى بار. بۇنىڭدىن باشقا، قىممىتى مىليون دوللارلىق كېلىدىغان سەيلە كېمىسى بار، يەنە كېلىپ خۇدسون دەرياسىدا بەش يىل توختاتقۇدەك ھەقنى تاپشۇرۇپ بولغان.

ئەلۋەتتە، پەقەت بۇلا ئەمەس. بۇ يۈرۈشلۈك تۇرالغۇنى سېتىۋالغۇچى يەنە تېخى بايراقدار ئاشپۇزۇلنىڭ ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئىككى كىشىلىك كەچلىك تاماق يېيىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولۇش بىلەن بىرگە يەنە بىرۇكلىن تېننىس توپ كوماندىسىنىڭ پەسىللىك بېلەت باھاسى (تەخمىنەن 225 مىڭ دوللار) ھەمدە بىر غوجىدار ۋە بىر خۇسۇسىي ئاشپەز تەمىنلىگەن بىر يىللىق مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولالايدۇ. كىشىنىڭ ئەڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغىنى بولسا، بۇ ئۆينى ساتقۇچى يەنە قىممىتى 250 مىڭ دوللار كېلىدىغان ئالەم ساياھىتى بېلىتىنى سوۋغا قىلىدۇ.

بۇ ئۆينىڭ ئىگىسى دەنيېل نېيدتىس بىر ئۆي-مۈلۈك شىركىتىنىڭ لېدىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەلەيلىك خېرىدارنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈنكەن.

دەنيېلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ھەشەمەتلىك بۇيۇملىرىنىڭ باج خىراجىتىدىن (تەخمىنەن بەش مىليون دوللار) بېسىم ھېس قىلغان. بىراق ئۇ خېرىدارنىڭ سېتىش باھاسىدىن بۇ ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنىڭ باھاسىغا ئۇدۇل قىلىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلمايدىكەن. ئۇ: «ئەگەر بۇ بۇيۇملارنى ئالغۇسى كەلمىسە، سېتىۋەتسە بولىدۇ».

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号