باش بەت

دەۋران

991يوللانما
71مەستانە

چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئاشخانىلارنىڭ خېرىدارلارغا قولايلىق ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىچە ئىجادىيەتلىرى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 18:14 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا مىكرو بىلوگ ئۇچۇرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئاشخانىلارنىڭ ئۆزگىچە ئىجادىيەتلىرى خېرىدارلارغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.

مەسلەن:

بۇ ئاشخانىدىكى ھەر بىر ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە ئۈچ كونۇپكىلىق مۇلازىمەت ئەسۋابى بار بولۇپ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھېسابات قىلىش، مۇلازىمنى چاقىرىش ۋە ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئەگەر سىز كونۇپكىنى باسسىڭىز مۇلازىمەتچىنىڭ قولىدىكى سائەت تىترەيدۇ، سائەتنىڭ ئۈستىدە بولسا سىز ئولتۇرغان ئۈستەلنىڭ نومۇرى كۆرۈلىدۇ.

پەمىدۇر قىيامى ئاز قالغاندا ئۇنى بوتۇلكىنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىن چىقىرىش سەل ئاۋارىچىلىق، لېكىن بۇ ئاشخانا سىزنى بۇ ئاۋارىچىلىقلاردىن خالاس قىلىدۇ.

بەزى چاغلاردا سېغىز چايناپ ئاشخانىغا كىرىپ قالىمىز، بۇنداق ۋاقىتلاردا تاماق چىقىپ قالسا سېغىزنى قەيەرگە يىغىشتۇرۇشىمىزنى بىلەلمەي بىرئاز ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىمىز.

بۇ ئاشخانا ھەر بىر ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە سۈرەتتىكىدەك كىچىك ئوراش خالتىسى قويۇپ قويغان بولۇپ، خېرىدارلار تاماق يېيىشتىن بۇرۇن سېغىزنى بۇ ئوراش خالتىسىغا سېلىپ قويۇپ تۇرسا بولىدۇ.

ھەر خىل پۇراقلارمۇ سۇشىنىڭ (ياپونلارنىڭ يېمەكلىكى) تەمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ياپونچە تاماقخانا تازلىق ئۆيىگە ئىككى خىل قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئورۇنلاشتۇرغان.

بىرىنچى خىلدىكىسى، پۇراقسىز قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، بۇنى تاماق يېيىشتىن بۇرۇن ئىشلىتىدۇ.

ئىككىنچى خىلدىكىسى بولسا، پۇراقلىق قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، بۇنى تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئىشلىتىدۇ.

بەزى كىشىلەر ئاممىۋى سورۇندا يۇقىرى ئاۋازدا مۇلازىمەتچىنى چاقىرىشنى ياقتۇرمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئاشخانا خېرىدارلار ئۈچۈن رەڭلىك چىراي ئىپادىسىنى ئويلاپ چىققان.

سېرىق رەڭدىكى چىراي ئىپادىسىنى چىقارسىڭىز، مۇلازىمەتچى يېنىڭىزغا كېلىپ خىزمىتىڭىزنى قىلىدۇ، قارا رەڭلىك چىراي ئىپادىسىنى چىقارسىڭىز ھازىرچە ياردەم كېرەك ئەمەس دېگەنلىكتۇر.

بەزىلەر تورتنىڭ ئوتتۇرىنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا تورتنىڭ قىرىنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

بۇ دۇكان دەل مۇشۇ مەسىلىنى كۆزدە تۇتۇپ تورتنى تۈرلەرگە پارچىلاپ ساتقان.

يەنى ئورالمىنىڭ ئۈستىدىكى ئۈچ خىل رەڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا تورتنىڭ ئوتتۇرى، قىرى ۋە بۇلۇڭىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

بۇ ئاشخانىدىكى يېمەكلىكلەرنى كونۇسسىمان كارتون قەغەزنىڭ ئىچىگە سېلىپ بېرىدىغان بولغاچقا ھەممە ئۈستەللەرنىڭ ئۈستىدىن تۆشۈك ئېچىقلىق، خېرىدارلار يېمەكلىك سېلىنغان كونۇسسىمان كارتون قەغەزنى بۇ تۆشۈككە سېلىپ قويسا ھەرگىزمۇ ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدۇ.

بۇ تازلىق ئۆيىدە قەغەزنىڭ تۈگەپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

تازلىق ئۆيىدە قولىڭىزنى يۇيۇپ بولۇپ ئىشىك تۇتقۇچىنى تۇتسىڭىز قولىڭىز يەنە مەينەت بولۇپ كېتىشى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئاشخانىنىڭ ئىشىكى پۇت بىلەنمۇ ئاچقىلى بولىدىغان قىلىپ لايىھەلەنگەن.

قولى بىلەن پەمىدۇر قىيامى ئاچالمايدىغان كىشىلەر دائىم چىشى ئارقىلىق پەمىدۇر قىيامىنى ئاچىدۇ، بۇ ئاشخانا پەمىدۇر قىيامىنى ئېچىشقا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ھەر بىر ئۈستەلنىڭ ئۈستىگە قايچىنى رەتلىك تىزىپ قويغان.

ئاشخانىغا كىرگەندە سومكىڭىزنى قەيەرگە قويۇشىڭىزنى بىلمەي قالغان ۋاقىتلىرىڭىز بولغانمۇ؟ 

بۇ ئاشخانىنىڭ ئورۇندۇقىنىڭ ئاستىغا مەخسۇس سومكا قاتارلىق بۇيۇملىرىڭىزنى سالىدىغان بوشلۇق لايىھەلەنگەن بولۇپ، سىزنى يۇقارقى ئاۋارىچىلىقلاردىن خالاس قىلىدۇ.

تۆۋەندىكىسى چەتئەلدىكى مەلۇم بىر جۇڭگوچە ئاشخانىدىكى تاماقنىڭ ئاچچىقلىق دەرىجىسىنى چۈشەندۈرۈش قەغىزى:

ئاچچىق ئەمەس: ئەگەر سىز زادى ئاچچىق يېيەلمىسىڭىز بۇنى تاللاڭ. (ئىزاھات: بەزى تاماقلارنىڭ ئۆلچىمى ئاچچىق، ئەگەر سىز ئاچچىق ئەمەسنى تاللىسىڭىز، بىز ئامال بار مۇچنى ئاز سالىمىز)

ئازىراق ئاچچىق: ئەگەر سىز نورمال ئاچچىقنى يېيىشكە پېتىنالمىسىڭىز ۋە ئاچچىقى يوق يېيىشنى ھەم خالىمىسىڭىز ئازراق ئاچچىقنى تاللاڭ. (%17 خېرىدارلار مۇشۇ خىلدىكىسىنى تاللايدۇ)

نورمال ئاچچىق: ئەگەر بىز تائاملىرىمىزنى ئاچچىق دېسەك، ئۇنىڭ ئاچچىقلىق دەرىجىسى دەل مۇشۇنداق، كۆپ قىسىم خېرىدارلار مۇشۇ خىلدىكىسىنى تاللايدۇ، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى ئاچچىق يىيەلەيمەن دەپ ئويلىسىڭىز، مۇشۇ خىلدىكىسىنى تاللىسىڭىز تامامەن بولىدۇ. (%75 خېرىدارلار مۇشۇ خىلدىكىسىنى تاللايدۇ)

دەھشەت ئاچچىق: ئەگەر سىز ئىلگىرى بۇ خىلدىكىسىنى يەپ باقمىغان بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى ھازىرمۇ يېمەڭ، چۈنكى بۇنىڭ ئاچچىقلىقىغا چىدىيالماسلىقىڭىز مۇمكىن. (پەقەت %2 كىشىلا مۇشۇ خىلدىكىسىنى تاللايدۇ)

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号