باش بەت

قەدرۇس65

1634يوللانما
28مەستانە

باشقىلارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك قىلغان ئەر: ئاممىنىڭ قىزغىنلىقىنى ئويغاتماقچى ئىدىم

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 19:08 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 17-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

نەنجىڭلىق ئەر كۈپكۈندۈزدە چوڭ يولدىن ئۆتۈۋاتقان ئاياللارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك قىلغان بولۇپ، ئاياللارنىڭ كۆكسىنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن دەررۇلا قاچقان. نەنجىڭ چىنخۈەي ساقچى تەرەپ ئاممىنىڭ پاش قىلىشى بىلەن بۇ ئەرنى قولغا چۈشۈرگەن، قىزىقارلىق يېرى، بۇ ئەر قولغا چۈشكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ قىلمىشىدىن نومۇس قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكىسچە: «مەن شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ قىزغىنلىقىنى ئويغاتماقچى» دېگەن.

12-ماي چۈشتىن بۇرۇن، نەنجىڭ شەھەر ئاھالىسى شياۋ لو ئادەتتىكىدەك كوچىدا كېتىپ باراتتى، توساتتىن بىرسى پەيدا بولۇپ ئۇنىڭ كۆكسىنى قاتتىق مىجىغاندىن كېيىن بەدەر تىكىۋەتتى، شياۋ لو نېمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىرالماي تۇرۇپلا قالدى، بۇ ئەر تېخى بىر تەرەپتىن قاچقاچ بىر تەرەپتىن بېشىنى بۇراپ شياۋ لوغا قاراپ كۈلۈمسىرەشكە ئۈلگۈردى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، شياۋ لو باشتا دوستلىرىنىڭ چاقچىقى ئوخشايدۇ دەپ قالغان، لېكىن ئىنچىكىلەپ ئويلىغاندىن كېيىن بۇ خىل ئېھتىماللىقنى ساقىت قىلغان، چۈنكى قارشى تەرەپ ئېنىقلا ئەر كىشى تۇرسا، دوستلىرى ھەرگىزمۇ بۇنداق چاقچاق قىلمايدۇ، يەنە كېلىپ شياۋ لو بۇ ئەرنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان.

شياۋ لونىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن، ئەرنى قوغلاپ ئۇنىڭ بىلەن ئوبدان بىر دېيىشىپ باقماقچى بولغان، تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، بۇ ئارىلىقتا ئەر قولىنى يەنە بىر ئايالغا سوزغان، بالىسىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويغىلى كەلگەن بۇ ئايالمۇ ئەرنىڭ «سېسىق قولى»دىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان. ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاش، مەقسىتىگە يەتكەندىن كېيىن بۇ ئەر دەرھاللا قاچقان، ئاخىرىدا ئۇ قولىنى ئۈچىنچى قېتىم بىر ئايالغا سوزماقچى بولغاندا ئايال تەرىپىدىن چىڭ تۇتۇۋېلىنغان، بۇنى كۆرگەن شياۋ لو دەرھال ساقچىلارغا تېلېفون قىلغان.

ساقچىلار دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ بۇ ئەرنى قولغا چۈشۈرگەن. ۋاڭ فامىلىلىك بۇ ئەرنىڭ دېيىشىچە، تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن مەنىسىز ئۆتۈۋاتقانلىقى ھېس قىلغاچقا، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقارماقچى بولغان، شۇنىڭ بىلەن يولدىن ئۆتۈۋاتقان مەلۇم بىر ئايالنىڭ قولىدىن تۇتۇۋالغان، ئايال قورقۇپ قېچىپ كەتكەن، لېكىن ئۇ بۇ خىل ھېسسىياتنى ياقتۇرۇپ قېلىپ مۇشۇنداق قىلىش ئويىغا كېلىپ قالغانىكەن.

ساقچىلار ئۇنىڭدىن: «پاراڭلاشقۇڭ كەلگەن ئادەم نېمىشقا تونۇشلىرىڭنى ئىزدىمەي ناتونۇش ئاياللارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالىسەن؟» دەپ سورىغاندا ئۇ ئۇيالماي تۇرۇپ: «مەن خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىنلىقىنى ئويغاتماقچى بولغان» دېگەن. ئەسلىدە ۋاڭ فامىلىلىك بۇ ئەردە ئۆزىنى كەمسىتىش روھىي ھالىتى بولغاچقا، كۈندىلىك تۇرمۇشىدا باشقىلار بىلەن ئانچە كۆپ ئالاقە قىلىپ كەتمەيدىكەن، ھەر دائىم ۋۇجۇدىنى مۇز قاپلاپ كەتكەندەك ھېس قىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن يۇقارقىدەك قىلمىشنى سادىر قىلغان، ھەمدە شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتماقچى بولغان.

ھازىر ساقچى تەرەپ ئۇنى جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى، دېلو تېخىمۇ ئىچىكىرىلەپ تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号