باش بەت

مۇھەررەم

171يوللانما
17مەستانە

مايمۇن سۈپەت بالا تۇغقان ئايال قورقۇپ يىغلاپ كەتتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقتى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 18:43 0 ئىنكاس چۈشتى

ياش ئانا مايمۇن سۈپەت بالا تۇغقان بولۇپ، بالىنىڭ تۇرقى «سۇن ۋۇكۇڭ» غىلا ئوخشاش ئىدى، ئانا بالىسىنى كۆرۈپ يىغلاپ كەتتى، دوختۇرلار بۇ كۆرۈنۈشتىن كۈلۈشۈپ كەتتى.

95-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان ياش ئانا شياۋ لى بويىدا قالغان ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ ساق-سالامەت يەڭگىشىنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتى، ئۇ كىچىك بالىغا بەكلا ئامراق بولۇپ، ئادەتتە كوچىلاردا بوۋاقلار ھارۋىسىنى كۆرسىمۇ بېرىپ قاراپ باقاتتى.

ھامىلدار بولغان ۋاقىتتا شياۋ لىنىڭ سېزىكى بەكلا يامان ئىدى، دائىم ياندۇراتتى، قېيىنئاپىسى ئۇنى نەچچە قېتىم دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ئوكۇل ئاستۇرغانىدى، ھامىلە ئۈچ ئايلىق بولغان ۋاقىتتا شياۋ لى دوختۇرخانىغا بېرىپ ھامىلدارلىق تەكشۈرۈشى قىلدۇردى، دوختۇر ئۇنىڭغا ھامىلىنىڭ ئىنتايىن ساغلام ئىكەنلىكىنى، شياۋ لىدا قان ئازلىقىنى ئېيتتى، شياۋ لىنىڭ قېيىنئاپىسى  ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان ەەدەن قۇۋۋەتلەش مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالدى.

ھامىلە بەش ئايلىق بولغاندا شياۋ لى يەنە بىر قېتىم دوختۇرخانىغا تەكشۈرتكىلى باردى، بۇ قېتىم دوختۇر قاننىڭ تېخىمۇ ئازلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، شياۋ لىغا ھايۋاناتلارنىڭ جىگىرىنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشنى تەكىتلىدى، بۇنى ئاڭلاپ شياۋ لىنىڭ قېيىنئاپىسى ھەر كۈنى ئۇنى جىگەر بىلەن باقتى، ئۇنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىپ، تۇغۇت ۋاقتىمۇ يېقىنلىشىپ قالدى.

بالا تۇغۇلغان شۇ كۈنى شاۋ لى 6 سائەتتىن ئارتۇق ئاغرىق تارتىپ 3.5 كىلوگىرام كېلىدىغان ئوغۇل بوۋاقتىن بىرنى يەڭگىدى، بالا تۇغۇلغان ھامان دوختۇرلار بالا ھەمراھىنى كېسىپ بولۇپ، بالىنى شياۋ لىغا كۆرسەتتى، شياۋ لى بالىسىنى كۆرۈپلا، دوختۇر مەن بىر سۇن ۋۇكۇڭ تۇغۇپتىمەنغۇ، ئەمدى قانداق قىلىمەن؟ دەپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.

ئەسلىدە بالا تۇغۇلغاندا بەدىنىدە تۈكلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ مايمۇنغا ئوخشاپ قالغانىدى، دوختۇر شياۋ لىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى، ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان بالىلارنىڭ شۇنداق تۈكلۈك تۇغۇلىدىغانلىقىنى، مەلۇم ۋاقىت ئۆتسە بالا بەدىنىدىكى تۈكلەر ئۆزلىكىدىن چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شياۋ لى دوختۇرنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۆڭلى جايىغا چۈشتى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号