باش بەت

durdana

1772يوللانما
118مەستانە

شياڭگاڭلىق ئەڭ كۆرۈمسىز ئارتىسنىڭ ھاياتى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 19:30 4 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغان بۇ ئادەمنىڭ ئىسمىنى ھەقىچان نۇرغۇن ئادەملەر بىلمەيدۇ، لېكىن ئۇنى چوقۇم تونۇيدۇ. ئۇ ئەسلى تازا تونۇلۇشقا تېگىشلىك ئادەم، لېكىن ئۇنىڭ چىرايى سەۋەبلىك بەك تونۇلۇپ كېتەلمىگەن.

ئۇ دەل يې جىڭشېڭ، شياڭگاڭلىق داڭلىق كۆرۈمسىز ئارتىس، ئۇ جوۋ شىڭچىنىڭ ھەممە فىلىملىرىدە دېگۈدەك چىقىدۇ، ئۇنى كۆپ ئادەم «شاھلار ئىچىدىكى شاھ2000»(千王之王2000) دىن تونۇغان.

ئۇ بۇ فىلىمدە ناھايىتى دىققەتنى تارتىدۇ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا جاڭ جياخۇي تېخى كىنو شاھى ئەمەس ئىدى، ئەخلەت فىلىملەرنى كۆپ ئىشلەيىتتى.

فىلىمنى كۆرىۋاتقان ۋاقىتتا نۇرغۇن ئادەم نېمانداق سەت ئادەمدۇ، بۇ دەيدۇ. لېكىن ئۇ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان سەتلەردىن ئەمەس، بەلكى ئادەمگە كومېدىيەلىك تۈس بېرىدىغان تىپتىن.

كېيىن ئۇ جوۋ شىڭچى بىلەن «كومېدىيە شاھى»(喜剧之王) دا ھەمكارلاشقان.

ئۇ يەنە «تائام ئىلاھى»(食神) دىمۇ رول ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاشۇرۇپ رول ئېلىشلىرى جوۋ شىڭچىنىڭ بىمەنە ئۇسلۇبى بىلەن بەك ماس كەلگەن.

ئۇنىڭ تۇغما كۆرۈمسىز چىرايى ناھايىتى ئۆزگىچە بولغاچقا، شياڭگاڭدا بەك داڭلىق. ئۇ يەنە بەك ئىقتىسادچان، ئۇ ئىشلەمچىلىكتىن غوجايىنغا ئايلانغان بولغاچقا، تازا دەۋىر سۈرگەن ۋاقىتلىرىدا توققۇز قەۋەتلىك بىنا، نەچچە ماشىنا، نەچچە دۇكان ئالغان بولۇپ، قىممىتى نەچچە ئون مىليون يۈەنگە يېتىدۇ، يەنە بەختلىك ئائىلسىىمۇ بولغان.

ئەمما ئۇنىڭ ئايالى نەچچە مىليوننى پايچېك ئويناپ سورۇۋەتكەچكە، بىر كېچىدىلا گادايغا ئايلىنىپ قالغان، ئايالى يەنە تېخى ئوغلى بىلەن ئىككەيلەننى تاشلاپ كېتىپ قالغان. ئەسلىدە ئۇ ئايالىنىڭ ئۆزىدەك كۆرۈمسىز ئادەم بىلەن توي قىلىشقا ئۇنىدى، بالىلىق بولۇپ ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە بىللە ئۆتىمىز دەپ ئويلىغان، ئەمما ئۇ ئايالىنىڭ پەقەت ئۇنىڭ پۇلىنى كۆزلىگەنلىكىنى بىلىدۇ.

ئۇنى سودا شېرىكلىرى ئۇنىڭ بەك كۆپ قەرزگە بوغۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئۇنىمىغان. تاراتقۇلار ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاشكارىلىۋەتكەچكە، ئۇ سەككىز ئايدا ئاران ئۆزىگە ئۆي ئىجارە بېرىشكە ئۇنايدىغان ئادەم تاپقان.

يې جىڭشېڭنىڭ ھېچنېمىسى قالمىغاندا ئۇنىڭ يېنىدا ھەر ھالدا يار-يۆلەك بولىدىغان بىر ئوماق ئوغلى بار ئىدى. ئۇ ئىلگىرى 34-قەۋەتتىن ئۆزىنى تاشلىۋالماقچى بولغاندا ئوغلىنى ئويلاپلا نىيىتىدىن يانغان.

ئۇنىڭ ئوغلىمۇ ھازىر چوڭ بولغان بولۇپ، تۇرقى دادىسىغا ئوخشايدۇ.

گەرچە چىرايى كۆرۈمسىز بولسىمۇ لېكىن ئۇ ئۆزگىچە رول ئېلىش ئۇسلۇبى بىلەن ئۆزىگە خاس ئورۇن تىكلەپ، ئۆزىنى ئىسپاتلىغان.

ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم جوۋ شىڭچى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، نېمىلا دېگەنبىلەن ئىككىسى بەك ماسلىشاتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • چەكسىز ئۇپۇق1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئت ۋاپا خوتۇن جاپا تاياق دورا،

  • يۇلتۇز ،1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇنىڭ ئىسمى بالىياڭ جىن ئەمەسمۇ ،مەن ۋۇلالا نىڭ ئىلانىدا شۇنداق كۆرگەن ئىسمىنى بىلمەيتتىم ،كىنوسى ياخشى ئىدى ،بۇ ئارتىسنىڭ ،كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ ياخشى ،بەختلىك ئائىلىگە ئىرششىگە تىلەكداشمەن

  • سايرام1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھىلىقى ۋۇلالالا ئېلانىغا چىقىدۇ بۇ

  • بوللىۋوھ شاھى1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ ئادەمنىڭ ئىسمىنى بۇرۇن بىلمەيتىم، بىراق كۆپ قېتىم كۆرگەن … ئۇ كۈرۈمسىز بولغىنى بىلەن بەك كومىدىيە…

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号