باش بەت

نىجات

426يوللانما
54مەستانە

رازۋېدكا ئىقتىدارىڭىزنى سىنايدىغان سوئاللار (6)

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 21:05 16 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمسىى:

ئەڭ يېڭى لوگىكىلىق ۋە رازۋېدكىلىق سوئاللار كەلدى:

1. بىر رازۋېدچىك ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئۈچۈن بىر مېھمانخانىنىڭ 816-ياتىقىدا تۇرۇپتۇ. كەچ سائەت 10دىن ئاشقاندا، ئۇ ئارام ئالماقچى بولغاندا، بىرىنىڭ ئىشىك چېكىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپتۇ، رازۋېدچىك: «كىرىڭ، نېمە ئىش؟» دەپتۇ. ھېلىقى كىشى رازۋېدچىكقا قاراپ: «سىز مېنىڭ ياتىقىمدا نېمە ئىش قىلىسىز؟ بۇ مېنىڭ يالغۇز ياتىقىم» دەپتۇ. رازۋېدچىك ھەيران بولۇپ: «بۇ دېگەن 816-ياتاق، مېنىڭ ياتىقىم ». ھېلىقى كىشى بىردەم ئۆينىڭ ھەممە يېرىگە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن «شۇنداقمۇ؟ كەچۈرۈڭ!» دېگىنىچە چىقىپ كېتىپتۇ، كېيىن رازۋېدچىك ئۇنىڭغا بىردەم دىققەت قىلىپلا، ئۇنى ئوغرى دەپ قولغا ئاپتۇ، نېمە ئۈچۈن؟

2. بۆرە بىلەن تۈلكە يالغان گەپ قىلىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ھايۋانلار بولغاچقا، ئورمانلىقتىكى يولۋاس پادىشاھ ئۇلارغا بىز قىزىقارلىق قائىدە چىقىرىپ بېرىپتۇ: بۆرە پەقەت ھەپتىنىڭ دۈشەنبە، سەيشەنبە، چارشەنبە كۈنى يالغان سۆزلىسە بولىدۇ، باشقا ۋاقىتتا چوقۇم راست سۆزلىشى كېرەك. تۈلكە پەقەت پەيشەنبە، جۈمە، شەنبە كۈنلىرى يالغان سۆزلىسە بولىدۇ، باشقا ۋاقىتتا راست سۆزلىشى كېرەك.

شىر كۈنى بۆرە تۈلكىگە ئۇچراپ قاپتۇ، بۆرە مۇنداق دەپتۇ: «تۈنۈگۈن مېنىڭ يالغان سۆزلەيدىغان كۈنۈم». تۈلكىمۇ دەرھاللا: «تۈنۈگۈن مېنىڭمۇ يالغان سۆزلەيدىغان كۈنۈم»دەپتۇ. ئۇنداقتا ئۇلار ئۇچراشقان كۈنى ھەپتىنىڭ قايسى كۈنى؟

3. بىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جېك بىلەن يوھانسون شەھەر سىرتىدا ئولتۇرىدىغان موماي جېم خانىمنى يوقلىغىلى بېرىپتۇ. ئۇلار دائىم ئىشىك قوڭغۇرىقىنى بېسىپ ئۆيگە كىرىدىغان بولۇپ، ئەمما بۇ قېتىم ئىشىكىنىڭ قىيا ئوچۇق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ، ئۇلار ئىشىكىنى ئىتتىرىپ ئۆيگە كىرگەندە، 1-قەۋەتتە جېم خانىمنىڭ جەسىتىنى بايقاپتۇ. قارىماققا ئۇ ھاياتىدىن ئايرىلغىلى 10 كۈندەك بولۇپ قالغان ئىدى.

قارىماققا جېم خانىم تاماق يەۋاتقاندا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، بىر خەنجەر ئۇنىڭ كۆكرىكىگە كىرىپ، جېنىغا زامىن بولغانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا قاتىل ئادەم ئۆلتۈرۈپ بولۇپ، ئۆينى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانىدى.

جېك بىلەن يوھان ساقچىغا مەلۇم قىلماقچى بولۇپ، پەلەمپەيدە ئازابلىنىپ ئولتۇرۇپتۇ. پەلەمپەيدە نەچچە كۈنلۈك گېزىتلەر دۆۋىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، پەلەمپەينىڭ ئاستىدا ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئىككى بوتۇلكا سۈت بار ئىدى. بۇ سۈتنى ئىلگىرى كۈندە يەتكۈزۈپ تۇراتتى. ئەقىللىق جېك تۇيۇقسىزلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە بەش سېكۇنت ئويلىنىپلا قاتىلنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالدى. ئۇنداقتا قاتىل زادى كىم؟

4. بىر كۈنى مەلۇم جايدا بۇلاڭچىلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپتۇ، ساقچىلار دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كەپتۇ. بىر ئادەم جىنايەت گۇماندارىنىڭ تۇرقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ تەسۋىرلەپ بەرگىنى: «ئۇ ئادەم قارا كۆزئەينەك تاقىۋالغان، سېرىق چاچ، يېشىل كۆڭلەك كىيىۋالغان، كۆك كۆز، بوي ئېگىزلىكى 180 سانتىمېتىر ئەتراپىدا....» ئۇ شۇنداق سۆزلەۋاتقاندا ساقچى ئۇنى توختىتىپ: «بولدى يالغان سۆزلىمە، بىز بىلەن ماڭ» دەپ ئېلىپ مېڭىپتۇ، ئۇنداقتا بۇ كىشى قانداق يالغان سۆزلىگەن؟

5. ياپونىيە دېڭىز پاراخوتىنىڭ پاراخوت باشلىقى ئىشخانىسىدىكى ئىشكاپقا يوشۇرۇپ قويغان پۇللارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقاپتۇ. شۇ جايدا ئۈچ پاراخوت خادىمى ئىشخانىغا ئەڭ يېقىن تۇرغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاقلاپ مۇنداق دەپتۇ:

ئا: مەن ماتېرىيال ئاپىرىپ بەرمەكچى بولۇپ، سىزنىڭ ئىشخانىڭىزغا كىرسەم سىز يوق ئىكەنسىز، مەن چىقىپ كەتتىم.

ب: مەن ياتاققا ماڭغىنىمدا سىزنىڭ ئىشخانىڭىز ئۈستىگە قادالغان بايراقنىڭ تەتۈر بولۇپ قالغىنىنى كۆرۈپ، ئوڭشاپ قويماقچى ئىدىم.

س: بايا قارىسام سىزنىڭ ئىشكاپىڭىز ئوچۇق تۇرۇپتىكەن، شۇڭا سىزگە مەلۇم قىلاي دەپ تۇرغان.

ئۇنداقتا زادى كىم ھەقىقىي ئوغرى؟

ئەگەردە جاۋابىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، نۇر تورى سالونىغا كىرىپ، 517 رەقىمىنى يوللىسىڭىز سىزگە يوللاپ بېرىمىز.

سالون ئىزدەش نومۇرى: nurhawar

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئېرادە ⚽ CR7 ✌4 كۈن ئىلگىرى

    بۆرە بىلەن تۈلكە قايسى كۈنى ئۇچراشسا ئوخشاش چۈنكى بىرى راس سۆيلەيدۇ يەنە بىرى يالغان سۆزلەيدۇ چۈنكى بىرىنىڭ يالغان سۆزلەش كۈنى يەنە بىرىنىڭ راس سۆزلەش كۈنى.(

  • MIDOZA4 كۈن ئىلگىرى

    2. پەيشەنبە كۈنى بۆرە راست سۆزلەيدىغان كۈنى ھەقىقەتەن تۆنۈگۈن يالغان سوزلەيدىغان كۈنى ئىدى تۈلكە يالغان سۆزلىدى چۈنكى پەيشەنبە كۈنى ئۇنىڭ يالغان سۆزلەيدىغان كۈنى

  • 138******054 كۈن ئىلگىرى

    5. ياپۇنيە بايرقنڭ ئوڭ تەتۇرى يوق بر خل

  • ئۇچقۇچى5 كۈن ئىلگىرى

    ھەممىنى توغرا تىپىپسىلە تورداشلا بارىكاللا،، ئەمدى مەن ئەڭ ئاخىرقى سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپقاندەك قىلىمەن بۇنىڭ جاۋابى ئوغرى دەل بايراق ئوڭشاپ قويغۇچى چۈنكى ياپۇنيەنىڭ بايرىقىنىڭ ئوڭ تەتۈرسى يوق بولغان تەقدىردىمۇ بەك چىنىپ كەتمەيدۇ مەن شۇنداق تەھلىل قىلدىم سىلەرمۇ ئۆز كۆز قارشىڭلارنى ئوتتۇرغا قويساڭلا بولىدۇ

  • 小麦。5 كۈن ئىلگىرى

    1 ياتاق ئۈزىنىڭ بولسا نېمىشقا ئاچقۇچ بىلەن ئېچىپ كىرمەي ئىشىك چېكىدۇ. 2. بۆرەبىلەن تۈلكە دۈشەنبە ئۇچراشقان 3 قاتىل سۈتچى ، سۈتچى قاتىل بومىسسا نېمىشقا دېلو مەلۇم قىلمايدۇ 4 بۇلاڭچىلىق نەقمەيدانىدا ئۇ ئادەم جېنىنى ئېپ قاچماي بۇلاڭچىنى كۆزۈتۈپ يۈرۈپتۇ ، كۆزەينەك تاقىۋاسا كۆزىنىڭ رەڭگىنى قانداق كۆرگىلى بوسۇن .5 پۇلنى پاراخوت باشلىغى ئالغان.

  • rasgap5 كۈن ئىلگىرى

    ياپۇنىيە بايرىقى دۈگىلەك شەكىلدە،بايراقنىڭ ئوڭ تەتۈرلىكىنى ئىشىك سىرتىدا ئايرىماق تەسرەك .شۇنداقمۇ يە

  • كۇپلان5 كۈن ئىلگىرى

    1 . ئۆزىنىڭ ياتىقى بولسا ئىشىك چىكىپ يۈرمەي بىۋاستە كىرىۋەرگەن بولاتتى
    2.يەكشەنبە كۈنى ئۇچۇراشقان .
    3.قاتىل سۈت يەتكۈزگۈچى شۇ
    4.كۆز ئەينەك تاقىۋالغان ئادەمنىڭ كۆز رەڭگىنى قانداق كۆرەلەيدۇ ،
    5.پۇلنى 2 جى كىشى ئوغۇرلىغان چۈنىكى ياپۇنيەنىڭ دۆلەت بايرىقىنى قانداق ئاسسىڭىز توغرا ئوڭ تەتۈرلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ

  • دۆدۆ قورقۇت5 كۈن ئىلگىرى

    1-ھىچكىم ئوز ياتىقنى چىكىپ يۇرمەيدۇ
    2-يەكشەنبە
    3-سۇتچى
    4-قارا كۆزەينەك تاقغان ئادەمنىڭ كۆزنىڭ رەڭگىنى كورۇش ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس
    5-ياپۇنيەنىڭ بايرىقى ئوڭ تەتۇر بولسۇن ئوخشاش

  • مانچېستىر بىرلەشمىسى5 كۈن ئىلگىرى

    5سوئالنىڭ جاۋابى ب

  • تامچە ياش5 كۈن ئىلگىرى

    1. ئۆزىنىڭ ياتىقىغا ئىشىك چىكىپ كىرمەيدۇ
    2. پەيشەنبە
    3. سۈت توشىغۇچى
    4.قارا كۆزەينەك تاقىۋالسا كۆزىنىڭ رەڭگىنى قانداق كۆرىدۇ ؟
    5. بىلەلمىدىم

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号