باش بەت

zefer

1409يوللانما
72مەستانە

ئالمىنىڭ مۇئاۋىن لېدىرى: بىز تۇنجى ئەۋلاد iPhoneنى ئېلان قىلغاندا شىركەتنى دوغا تىكىۋەتكەن

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 18:46 0 ئىنكاس چۈشتى

cnbeta تورى 17-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
«پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گەرچە ھازىر تۇنجى ئەۋلاد iPhoneنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىغا 11 يىل بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئالما يەنىلا ئۇنى شىركەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تەۋەككۈلچىلىكنىڭ بىرى، چوڭلۇقتا ھەتتا پۈتۈن شىركەتمۇ دوغا تىكىۋېتىلگەن دەپ قارايدىكەن. بۇ سۆزنى ئالمىنىڭ تىجارەتكە مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن لېدىرى گىرېگ جوسۋېك قىلغان. يېقىندا، جوسۋېك ئالما بىلەن رەقىبى سامسۇڭ ئېلېكترونچىلىقىنىڭ پاتېنت دەۋاسىغا سوت ئاچقاندا سوتتا گۇۋاھلىق بەرگەن.


ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالمىغا نىسبەتەن iPhoneنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىر ھالقىلىق ۋاقىت ئىكەن. «ئەينى ۋاقىتتا، ئالمىنىڭ غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن بىز راستلا ھەممىنى دوغا تىكىۋەتكەن، راستلا شىركەتنىمۇ دوغا تىكىۋەتتۇق.»
ئەگەر ئالما ئەينى ۋاقىتتا iPhone ئېلان قىلمىغان بولسا، ئۇنداقتا كۆچمە تېلېگراف شىركەتلىرى يانفونلىرىغا مۇزىكا ئىقتىدارىنى قوشۇپ، iPodنى ئاسانلا شاللىۋەتكەن بولاتتى، بۇ ئالما شىركىتى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاساسلىق مېدىيا قويغۇچ كەسپىگە نىسبەتەن «زور تەھدىت» ھېسابلىناتتى.
ئەكسىچە، ئالما قاتلىنىدىغان يانفون ياكى كۇنۇپكىلىق يانفوننى ئېلان قىلمىدى، بەلكى iPhoneنى لايىھەلىدى، بۇ يانفون يانفون لايىھەسىنى يېڭىلىدى ھەم تېزدىن پۈتۈن بازارنى ئىگىلىدى.
جوسۋېك مۇنداق دېدى: «بىز بازاردا بار بولغان يانفوننى لايىھەلەشنى ئويلاشمىدۇق، بىز ئامالنىڭ بارىچە يېڭى يانفون لايىھەسىنى تەتقىق قىلدۇق.»
بۇ ئالمىنىڭ بۇ قاراشنى تۇنجى قېتىم ئىپادىلىشى ئەمەس. 2012-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، ئالمىنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا iPhoneنى بازارغا سالغاندا، ئالما شىركەتنى دوغا تىككەن دېسە ئارتۇق كەتمەيدىكەن. ئالمىنىڭ كىرگىنى تېلېگراف ماگناتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ساھە ئىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号