باش بەت

شىرئەلى روزى

606يوللانما
55مەستانە

مېكسىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا 5.2 بال يەر تەۋرىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 18:44 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

شۇ جاي ۋاقتى 2018-يىلى 16-ماي چۈشتىن بۇرۇن 9 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 16-ماي كەچ سائەت 10 دىن 20 مىنۇت) مېكسىكىنىڭ غەربىي گوئېررور شىتاتىدىكى ئارسېلىيا بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىي يۆنىلىشىدىكى تەخمىنەن 24 كىلومېتىرلىق ئورۇندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى.

بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشتە تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 54 كىلومېتىرغا يەتتى.

يەر تەۋرىگەندىن كېيىن مېكسىكىنىڭ پايتەختى مېكسىكا شەھىرىدە يەر تەۋرەشتىن ئالدىن سىگنال بېرىش ئاۋازى ياڭرىدى.

يەر تەۋرەش پايتەخت مېكسىكا شەھىرىگىمۇ روشەن تەسىر كۆرسەتكەچكە، مېكسىكا شەھىرىنىڭ ئاھالىلىرى ئارقا-ئارقىدىن كوچىلارغا چىقىپ ئاپەتتىن پاناھلاندى.

بىراق ھازىرغا قەدەر ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى توغرىسىدا مەلۇمات يوق.

مېكسىكا شەھىرىنىڭ جەمئىيەت تەرتىپى نورمال بولدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号