باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13938يوللانما
1423مەستانە

ئەگەر كىلاسسىك كورېيە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ھايات-ماماتلىق مۇھەببەت» ئۆزگەرتىپ ئىشلەنسە...

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 19:21 1 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كىلاسسىك كورېيە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ھايات-ماماتلىق مۇھەببەت» (蓝色生死恋) سوڭ سېيۇڭخون، سوڭ خيېكيو، ۋون بىن، خەن چايوڭ ھەمدە مۇن گۇنيوڭ قاتارلىقلارنى ئالقىشلاندۇرۇپ، گەرچە بۇنىڭ قويۇلغىنىغا 18 يىل بولسىمۇ، تا ھازىرغىچە يەنىلا كۆپلىگەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ ياقتۇرىدىغان، «كىشىنىڭ كۆز ياشلىرىنى قۇرۇتىۋېتىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى» بولۇپ كەلمەكتە. بىر قانچە كۈن بۇرۇن، دۆلىتىمىز نۇسخىسىدىكى «ھايات-ماماتلىق مۇھەببەت» تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ  ئاۋغۇست ئېيىدا قويۇلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلاندى. بۇنىڭ ئارىسىدىكى ئىككىنچى ئايال پېرسوناژ «شىنئەي»نىڭ رولىنى مېڭ مېيچى ئالارمىش.

يېقىندا، بەزى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىز نۇسخىسىدىكى «ھايات-ماماتلىق مۇھەببەت» ئاۋغۇست ئېيىدا قويۇلىدىغان بولۇپ، ئارتىسلار تىزىملىكىمۇ ئاشكارىلانغان. «يېڭىلىق ياراتقۇچى 101 قىز» (创造101)دا داڭق قازانغان مېڭ مېيچىنىڭ قۇرامىغا يەتكەن «شىنئەي»نىڭ رولىنى ئېلىشتىن باشقا، ئۆسمۈر ئېن شى، ئۆسمۈر جۈن شى ھەمدە ئۆسمۈر شىن ئەينىڭ رولىنى ئايرىم-ئايرىم لىن چېنخەن، مياۋ يانىڭ ھەمدە جاۋ يۈنجو قاتارلىقلار ئالىدىكەن. بۇ ئۇچۇر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن كۆپلىگەن تورداشلار ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نېمانداق جىم-جىملا سۈرەتكە ئېلىنىپ بولۇندى، دېيىشكەن.

توردىن ئەستايىدىللىق بىلەن ئىزدەيدىغان بولساق، بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ ئىشقا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنىڭ ھېچقانچە تارقالمىغانلىقىنى ھەتتا بىر قانچە ئاساسلىق باش پېرسوناژلارنىڭ ئۇچۇرىنىمۇ تاپالمايدىغانلىقىمىزنى بايقايمىز. تورداشلار بۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ: «بۇ يالغاندۇ، سۈرەتكە ئېلىنىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقمىدۇققۇ؟»، دېيشىكەن. گەرچە بۇ ئۇچۇرنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلمىسەكمۇ، بىراق كۆپلىگەن مەستانىلەر ئەگەر مېڭ مېيچى راستىنلا شىنئەينىڭ رولىنى ئالسا، ئۇنداقتا، ئۆزىمۇ چىرايلىق، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ئۇنىڭ ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق بولىدىكەن، دەپ قاراشتى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • Ruby5 كۈن ئىلگىرى

    چۇقۇم تايىنىنى قويمايدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号