باش بەت

قەدرۇس65

1638يوللانما
28مەستانە

ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئەر قارشى تەرەپنىڭ 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلىنى ئالداپ كەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 19:16 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 17-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، خۇنەن ئۆلكىسى خېڭياڭ شەھىرى چىدۇڭ ناھىيەسىدىكى ساقچى تارماقلىرى مەلۇم بىر تور ئالدامچىلىقى دېلوسىنى ئېنىقلاپ چىقتى، شۇنداقلا جىنايەت گۇماندارى دىڭ فامىلىلىك ئەرنى چاڭشادىكى لىتو زەھەرنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىن چىدۇڭ ناھىيەسى تۈرمىسىگە يۆتكەپ كەلدى.

2018-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى، گاۋ فامىلىلىك بىر ئايال گۇيياڭ ساقچىخانىسىغا كېلىپ: «2015-يىلى 10-ئايدا توردا خەن بىڭ ئىسىملىك بىر ئەر بىلەن تونۇشقان ئىدىم، ئۇ ئۆزىنى چىياڭ ناھىيەسىدىكى ساقچىخانىدا خىزمەت قىلىمەن دېگەن، كېيىن ئىككەيلەن توردا مۇھەببەتلەشتۇق، لېكىن ئارىلىقتا پەقەت بىر قېتىملا كۆرۈشتۇق، 2017-يىلى 11-ئايدا مەلۇم بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول كۆۋرۈكىدە كۆرۈشكەن، كېيىن ئۇ ھەر خىل باھانىلەر بىلەن مېنىڭ 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلۇمنى ئالداپ كەتتى» دەپ دېلو مەلۇم قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، خەن بىڭ ئىسىملىك بۇ ئەر ھەر خىل باھانىلەر بىلەن گاۋ فامىلىلىك ئايالدىن 200 مىڭ يۈەنگەن يېقىن قەرز ئالغان، تاكى 2018-يىلى 1-ئايدا گاۋ فامىلىلىك ئايال قانداق قىلىپمۇ خەن بىڭ بىلەن ئالاقىلىشالمىغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلىپ ساقچىلارغا دېلو مەلۇم قىلغان.

ساقچىلار دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا بىر قاتار تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان. ئاخىرى خەن بىڭ ئىسىملىك بۇ ئەرنىڭ چىياڭ ناھىيەسى بەيشۆي بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق دىڭ فامىلىلىك ئەر ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان.

دىڭ فامىلىلىك بۇ ئەر زەھەر چېكىدىغان بولۇپ، ئىلگىرىمۇ مۇشۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن قېتىم جازالانغان، ھازىر چاڭشا شەھىرىدىكى لىتو زەھەرنى مەجبۇرىي تاشلاتقۇزۇش ئورنىدا ئىكەن. 2018-يىلى 5-ئايدا ساقچىلار ئۇنىڭ جىنايى پاكىتىنى دەلىللىگەندىن كېيىن زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىدىن ئېلىپ كېلىپ سوراق قىلغان.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، 2015-يىلى 10-ئايدا QQ نىڭ ئەتراپتىكىلەرنى ئىزدەش ئىقتىدارى ئارقىلىق گاۋ فامىلىلىك ئايال بىلەن تونۇشقان ئىكەن، شۇنداقلا ئۆزىنى جياڭشى جيۇۋجياڭلىق، چىياڭ ناھىيەلىك ساقچىخانىدا ئىشلەيمەن، ئىسمىم خەن بىڭ دەپ تونۇشتۇرغان، ھەتتا ئۆزىنىڭ يالغان ساقچى فورمىسى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ قارشى تەرەپنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن، پاراڭلىشىش ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ مۇھەببەتلەشكەن، ھەتتا توي قىلىشقا پۈتۈشكەن.

2015-يىلى 10-ئايدىن 2018-يىلى 1-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇ ئۆزىنى سىرتقا ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلدىم، يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدىم، خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەبلىك يۆتكەلدىم، چەتئەلدە ۋەزىپە ئىجرا قىلدىم دېگەندەك بىر قاتار باھانىلەر بىلەن گاۋ فامىلىلىك ئايالدىن پۇل قەرز ئالغان، بۇ پۇللارنىڭ كۆپ قىسىمىنى زەھەر چېكىشكە ئىشلەتكەن، قالغىنىنى بۇزۇپ چېچىپ تۈگەتكەن، 2018-يىلى 1-ئايدا زەھەر چېكىپ تۇتۇلۇپ قالغاچقا مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا كىرگەن، شۇنىڭدىن كېيىن گاۋ فامىلىلىك ئايال ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشالماي ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلغان.

5-ئاينىڭ 11-كۈنى، دىڭ فامىلىلىك بۇ ئەر تور ئالدامچىلىقى جىنايىتى بىلەن ساقچى تارماقلىرى تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلدى، تەكشۈرۈش ئارقىلىق چېتىشلىق سوممىنىڭ 200 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى ئېنىقلاندى، ھازىر دېلونىڭ تەپسىلاتى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلىۋاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号