باش بەت

شىرئەلى روزى

652يوللانما
55مەستانە

دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئايال پات ئارىدا 129 ياشقا كىرىدۇ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 19:19 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

يېقىندا رۇسىيە تاراتقۇلىرى ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئايال-كوكۇ ئىستامبۇلوۋانى بايقىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى، بۇ ئايال ھازىر 128 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ناۋادا ئۇ توغرىسىدىكى خاتىرىلەر راست بولسا، ئۇنداقتا ئۇ تۇغۇلغان يىلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ خانى گۇاڭشۈ ئەمدىلا تەختكە ئولتۇرغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاياغلاشقان يىلى ئۇ 23 ياشقا كىرگەن بولىدۇ. سۈرەت مەنبەسى رۇسىيە «قۇياش گېزىتى»

ئۇنىڭ ھۆكۈمەت تارقىتىپ بەرگەن بارلىق خاتىرە ۋە كىنىشكىلىرى ئاللىبۇرۇن يوقاپ كەتكەن، ھازىر ئۇنىڭ يېشىنى ئىسپاتلىيالايدىغان گۇۋاھنامىلەردىن پەقەت بىر پاسپورتلا بار بولۇپ، بۇ پاسپورتتا ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنىڭ 1889-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىكەنلىكى خاتىرىلەنگەن، دېمەك يەنە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئۇ 129 ياشقا كىرىدۇ.

بىراق ئىستامبۇلوۋا بۇنچە ئۇزۇن ئۆمۈرنى ھەرگىزمۇ تەلەي ۋە خۇشاللىق ئەمەس، بەلكى بىر خىل جازا دەپ قارايدىكەن، كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتىكى سىرىنى سورىغاندا ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئۆمرىدە «بىر كۈنمۇ خۇشال ياشاپ باقمىغان» لىقىنى، ھەر بىر كۈننى ناھايىتى ھېرىپ-چارچاش بىلەن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، نېمىشقا بۇنچىلىك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ھۆكۈمەتنىڭ ئارخىپ-ھۆججەتلىرىدە ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە بۇرۇنقى تۇرمۇشى توغرىسىدىكى يېزىقچە خاتىرىلەر بولمىغاچقا، ئۇنىڭ يېشى ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن.

نۆۋەتتە تۇغۇلغان ۋاقتى ئېنىق خاتىرىلەنگەن، شۇنداقلا ھازىرمۇ ھايات ياشاۋاتقان ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئايال ياپونىيەلىك چىيو مىياكو بولۇپ، بۇ يىل 117 ياشقا كىرگەن.

يېشى توغرىسىدا ئېنىق خاتىرە قالدۇرۇلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئايال فىرانسىيەلىك جېننا سالمېنت بولۇپ، بىراق ئۇ 1997-يىلى قازا قىلغان، جەمئىي 122 يىل 5 ئاي 14 كۈن ئۆمۈر كۆرگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号