باش بەت

شىرئەلى روزى

652يوللانما
55مەستانە

چاڭچۈندىكى پۈرۈلمە بىنا تور چولپىنىغا ئايلاندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 19:21 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

2018-يىلى 16-ماي، يېقىندىن چاڭچۈن شەھىرى ياتەي كوچىسىدىكى شەكلى ئۆزگىچە بىر بىنا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ۋە تورداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى، چۈنكى بۇ بىنانىڭ تېشىدىكى زور مىقداردىكى تەرتىپسىز سىزىقلار قول بىلەن مىجىقلاپ چىقىرىلغان پۈرۈلمىگە ئوخشايدىغان بولغاچقا، كۆپچىلىك بۇ بىنانى «پۈرۈلمە بىنا» دەپ ئاتاشتى.

«پۈرۈلمە بىنا» يۈەنجىڭ سۇ زاۋۇتى قورۇسى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردە ھازىر سۇچىلىق مەدەنىيىتى ئېكولوگىيىلىك باغچىسى قۇرۇلۇۋاتىدۇ.

بىنانىڭ سىرتىدىكى نۇرغۇن مايماق سىزىقلار كىشىلەرگە بۇ بىنانى پۈتۈنلەي قورۇق بېسىپ كەتكەندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ، شۇڭا زورلاتقۇ كېسىلى بارلار «بۇ قورۇقلارنى قولۇم بىلەن تۈزلەپ قويغۇم كېلىپ كەتتى» دېيىشكەن.

سىنچىلاپ قارىغاندا بىنانىڭ «قورۇقلىرى» ئارىسىدىكى دېرىزىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.

«پۈرۈلمە بىنا» نىڭ شەكلى ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگىچە بولغاچقا، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرىنى جەلپ قىلغان، بەزىلەر ئاتايىن بۇ بىنانى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن كەلگەن ۋە چاقچاق قىلىشىپ، «بۇ بىنا بوراندا مۇشۇنداق پۈرۈلۈپ قاپتۇ» دېيىشكەن.

بۇ جايدا پات ئارىدا سۇچىلىق مەدەنىيىتى ئېكولوگىيىلىك باغچىسى قۇرۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چاڭچۈن خەلقى ئىستىراھەت قىلىپ كۆڭۈل ئاچىدىغان ياخشى جايدىن يەنە بىرى كۆپىيىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号