باش بەت

دەۋران

991يوللانما
71مەستانە

نېمە ئۈچۈن «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3» فىلىمىدىكى ھالاكەت زومىگىرىنىڭ تېرە رەڭگىدە ئۆزگىرىش بولغان؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-17 23:19 10 ئىنكاس چۈشتى

سىنا مىكرو بىلوگ ئۇچۇرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى كىنوخانىلىرىدا «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3: چەكسىز جەڭ» فىلىمى ئالقىشلىق قويۇلۇۋاتىدۇ.

بۇ فىلىمدە ھالاكەت زومىگىرىنىڭ ئېكراندا كۆرۈلۈش نىسبىتى ئەڭ كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن قىزىقچى تورداشلار بۇ فىلىمنىڭ ئىسمىنى «ھالاكەت زومىگىرى 1» دەپ ئاتىشىۋالغان.

ئۇنداقتا كۆپچىلىك دىققەت قىلدىمىكىن، بۇ فىلىمدىكى ھالاكەت زومىگىرىنىڭ تېرە رەڭگى بۇرۇن ئېكراندا كۆرۈنگەن (قىساسكارلار ئىتتىپاقى ۋە سامان يولى قوغدىغۇچىلىرى فىلىمىدە كۆرۈنگەن) ھالاكەت زومىگىرىنىڭ تېرە رەڭگى بىلەن ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. 

چۈنكى «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3: چەكسىز جەڭ» فىلىمىدە ھالاكەت زومىگىرىنىڭ چىراي ئىپادە ئۆزگىرىشىنى ياخشى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن ئارتىس Josh James Brolin جەمئىي 37 يۈرۈش سۈرەتكە ئېلىش ئاپپاراتىغا يۈزلەنگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ھالاكەت زومىگىرىنىڭ تېرە رەڭگى ئىلگىرىكى سۆسۈن رەڭدىن سۇس قىزغۇچ سۆسۈن رەڭگە ئۆزگەرگەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆز قارچۇقىنىڭ رەڭگىمۇ ئەسلىدىكى كۆك رەڭدىن جىگەر رەڭگە ئۆزگەرتىلگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • SaLaaM4 كۈن ئىلگىرى

    ئاۋال كىنونى كۆرۈپ ئاندىن گەپ قىلە …

  • 诺坎普4 كۈن ئىلگىرى

    muhammad ئىسىملىك تورداش كىنو كۆگەنمۇ يا سېھىرسىز خولىكنى يەرگە چاپلىۋەتتىغۇ ئۇرۇپ مۇشىت پەشۋا بىلەنلام

  • T@NHA4 كۈن ئىلگىرى

    يانىلا تانوس يىڭىدىكەن باشتا مۇشلۇشۇپ ئۇرۇپ چۆرۈپ تاشلىدىغۇ

  • كىچىك ئۆمۈچۈك4 كۈن ئىلگىرى

    ئاپتاپتا ئۈڭۈپ كەتكەندۇ يە.

  • MuheMad.4 كۈن ئىلگىرى

    salamدىگىنى گەپ چۈشنەمسە يا دەنتىياۋ دەيدۇ قۇرۇق قڭل سىھىرسىز چۈشسە

  • SaLaaM4 كۈن ئىلگىرى

    شاھىنشاھ كىچك بالىدەكلا گەپ قىلدىكەنسەن. شۇنچە كۆپ قەھىرىمانلار بىرلىشىپ تەڭ كېلەلمەيۋاتسا يەنە كىم يامان دەپ سوراپ يۈرۈيسەنغۇ…

  • چەكسىز ئۇپۇق4 كۈن ئىلگىرى

    ئۇكەم ما 21-ئەسىر جۇما،

  • مىنىڭ ئىسمىم گىروت4 كۈن ئىلگىرى

    بۇ ئەپەندىمدە خامىليوننىڭ گېنى بار ئوخشايدۇ، كائىناتتىكى ۋاقتىدا بىنەپشە كۆك رەڭدە ئىدى، يەرشارىغا چۈشۈپ بۇ يەرنىڭ تۇپرىقىغا ماس ھالدا ئۆزگۈرۋاپتۇ،

  • شاھىنشاھ5 كۈن ئىلگىرى

    بۇنىڭ بىلەن خۇلىك دەنتياۋ ئوينسا قايسىى كۈچلۈك

  • كاپىتان مارۋىل5 كۈن ئىلگىرى

    باشتا چىققان رەڭگى پەچەتتى بىرخىل ئاخسا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号