باش بەت

نۇسرەتگۈل

7271يوللانما
221مەستانە

ياپونىيە بېلىقچىلىق پورتىدىكى دېڭىز بۈركۈتى تەييار يېمەكلىك ئۈچۈن ساختىلىق قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-22 16:56 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 21-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 21-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، بىر ھەيۋەتلىك دېڭىز بۈركۈتى ياپونىيە خوككايدو ئارىلىدىكى بىر بېلىقچىلىق پورتىنىڭ پىرىستانىغا قونۇپ ھەر كۈنى «بىكارچىلاردەك» ئالدى-كەينىگە مېڭىپ يۈرگەن. بىراق، ئۇنىڭ مەقسىتى بېلىقچىلار تاشلىۋەتكەن ئۇششاق بېلىق، راكلارنى جاپا تارتمايلا قولغا چۈشۈرۈش.

ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە تۇرىدىغان 42 ياشلىق فوتوگراف نىكولاس رېئۇسېنس (Nicolas Reusens) بۇ دېڭىز بۈركۈتىنىڭ «بىكارچىلاردەك» قىياپىتىنى سۈرەتكە تارتىۋالدى. ئۇ: «بىز پىرىستاننىڭ ئالدىدا تۇرۇپ بېلىقچىلىق كېمىلىرىگە دېڭىز بۈركۈتى كېلىشىنى كۈتتۇق» دېدى.

رېئۇسېنس: «بۇ بۈركۈت بىزگە خېلىلا يېقىن كەلدى، ئۇنىڭ كۈچى ۋە قاپ يۈرەكلىكىدىن ھەيران قالدۇق! ئۇ ناھايىتى قىزىقارلىق ئۇسۇلدا ماڭدى ھەم پايدىلىق ئورۇننى ئىگىلەپ بېلىقچىلارنىڭ يېمەكلىك تاشلىشىنى ساقلىدى» دېدى.

«مەن دېڭىز قۇشقىچى ۋە كىچىك مۈشۈكياپىلاقلارنىڭ يول ماڭغاندىكى قىزىقارلىق ھالەتلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ باققان. بىراق، بۇ مېنىڭ دېڭىز بۈركۈتىنى تۇنجى قېتىم يېقىن ئارىلىقتىن كۆزىتىشىم. ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بۈركۈتلەرنىڭ بىرى.»

بۇ دېڭىز بۈركۈتى تىنچ ئوكيان دېڭىز بۈركۈتى ياكى ئاق گەۋدىلىك بۈركۈت دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل بۈركۈتلەرنىڭ تېنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېغىر بولۇپ، 8-5 كىلوگىرام ئارىلىقدا بولىدۇ. ئۇلار ئاسىيانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى دېڭىز بويى رايونلىرىدا ياشايدۇ، بېلىق ۋە سۇ قۇشلىرىنى ئوزۇق قىلىدۇ.

ئۇنىڭ بۇ ھالىتى خۇددى بېلىق تۇتۇشقا تەييارلانغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما ئۇ مۇشۇنداق ساختا ھەرىكەتلەر ئارقىلىق بېلىقچىلارنىڭ يېمەكلىك تاشلاپ بېرىشىنى ساقلاۋاتىدۇ.

تورداشلارنىڭ بەزىلىرى بۇ بۈركۈتنى: «ئەخمەق ئەمەس، بەلكى ئەقىللىقكەن، يېمەكلىككە ئېرىشىشنىڭ ئاسان ئۇسۇلىنى تېپىۋاپتۇ» دېيىشتى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号