باش بەت

قەدرۇس65

1741يوللانما
36مەستانە

مېسسى: توپ تېپىش تالانتىغا ئىگە بولغانلىقىمدىن خۇرسەنمەن

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-05-29 23:44 21 ئىنكاس چۈشتى

دوڭچيۇدى تورى 29-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

مېسسى يېقىندا ئارگېنتىنا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ توپ تېپىش تالانتىغا ئىگە بولغانلىقىدىن خۇرسەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مېسسى: «مەندە توپ تېپىش تالانتى بار، بولمىسا ھازىرقىدەك ئۇتۇقلارغا ئېرىشەلمەيتتىم، مۇشۇ خىل تالانت بولغاچقا ھازىرقىدەك مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ غەلىبە قازاندىم».

«كىچىكىمدىن تارتىپ مۇشۇنداق توپ تېپەتتىم، كەسپىي ھاياتىمدىكى مۇسابىقە كەيپىياتىمنىڭ ئىزچىل بىر يۇقىرى پەللىدە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم، لېكىن توپ تېپىش ئۇسلۇبىمدا ئەزەلدىن ئۆزگىرىش بولۇپ باقمىدى».

ئوڭ پۇتىنىڭ ئىقتىدارى توغرىسىدا توختىلىپ چاقچاق قىلىپ: «ياق، قەتئىي پايدىسى بولمىدى دېسەك خاتالىشىمىز، ئوڭ پۇتۇم ئارقىلىق نۇرغۇن قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتلەردىن قېچىپ قۇتۇلدۇم، توپ مەستانىلەرمۇ ئوڭ پۇتۇمدا نۇقتا توپ تېپىشىمنى تەلەپ قىلمايدىغان بولدى».

دۇنيا لوڭقىسى سالاھىيەت مۇسابىقىسىدىكى ئېكۋاتور كوماندىسى بىلەن بولغان ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما توغرىسىدا: «ئېكۋاتوردىكى پۇتبول مەيدانى ئېگىزلىككە جايلاشقان، بۇ يەردە ئوكسېگىننىڭ بىر قەدەر شالاڭ ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە ئايان، قارشى تەرەپ بۇنىڭغا كۆنۈپ كەتتى، لېكىن مېھمان كوماندا ئەزالىرى مەيداندا ئاساسانلا ھېرىپ قالىدۇ، بۇمۇ ئېكۋاتورنىڭ ئەۋزەللىكى، يەنە كېلىپ بىز مۇسابىقە باشلىنىپلا بىر توپ كەتكۈزۈپ قويدۇق، بىزگە نىسبەتەن بۇ ئۇتمىساق بولمايدىغان بىر مەيدان مۇسابىقە، باشلىنىشىمىز ھەقىقەتەن ياخشى بولمىدى، ياخشى يېرى ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ رەقىبىمىزدىن تەتۈر ئاشتۇق، ئەگەر شۇ سەۋەبلىك دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالمىغان بولساق ئارگېنتىنا پۇتبول تارىخىغا يېزىلغان قارا داغ بولۇپ قالاتتى».

باش سۈرەت تاللاش x
  • لىيونېل مېسسى2 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ ئادەم ماختامدۇ ماىتىمامدۇ نىمە ئىششىڭلار سىلەنىڭ قىلىدىغان ئىششىڭلار يوقما ئۆزەڭلارچە ئاۋ ماۋۇ يامان ئەمەس دەپكىدىكەنسىلە شۇلاچىلىك ھۆنىرىڭلار يوق تىللاپ كىتىشلىرىڭلار قىززىق بىرەسىڭلا توپچىما توپچى بولغان تەغدىردىمۇ ئۇلا بىلەن تەڭ ئورۇنغا چىققاندا ئاندىن يامان ەىپىنى قىلساڭلا بۇلا

  • زېرەك شاھزادە2 ھەپتە ئىلگىرى

    مادرىد تەراپتارى نە ئۇ 4چى دوختۇر خانا دىگەن مەن بېرىپ باقمىغاندىنكىن بىلمەيدىكەنمە مۇشۇ مادرىد مەستانىلىرى بەك دەيدىكەنسىلە شۇنۇڭغا قارىغاندا تۇلا بارىدىغان ئوخشىمامسىلە يە سىلەرنىڭ ئۈيۈڭلا شۇ دوختۇرخانىدىمۇ

  • مادىرىد تەرەپدارى2 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇشۇ زېرەك شاھزادە، سىنى 4- دوختۇرخاندىن قېچىپ چىققانمىكى دەيمەن،

  • زېرەك شاھزادە2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئالەم كوماندىسى بارسېلونا بۇرادەر مەن دىمەي دىگەن ئەسلى ئۇ چۇ رونالدو يالۋۇرۇپ كەپتىكەن ياق دىيەلمەي ياردەم قىلغان ئەمدى ياردەم قىلمايمە

  • كاپىتان مىسسى2 ھەپتە ئىلگىرى

    كىرستىيانو 7
    مىسسى ئۆزىنى بىرەر قېتىم ماختاپ قويسا نىم بوپتۇ،ئۆزىدىكى ھەقىقى تالانتىنى دەپتۇ،بەزىلەردەك ئەرلىك غورۇرىنى دەپسەندە قىلىپ ماراكەشكەپات پات بېرىپقىلىپ يۈرمەپتۇ

  • باباخان2 ھەپتە ئىلگىرى

    جەنۇبي ئامرىكىدىنلا چىقۋاتىدغۇ پۇتپۇل شاھلىرى ياۋرۇپادىن چىقماي ئۇ يەدىن كەلگەن دەپ قويسىلەكە كەلسىمۇ ھەممىنى قايىل قىلۋاتدۇ بۇ

  • ئالەم كوماندىسى بارسېلونا2 ھەپتە ئىلگىرى

    مايەردە بىرسى ئىككى بالا تاپقاندىن كىيىن توي قىلدى دەپسەن رونالدونىڭ باللىرىنىڭ ئاپىسىنىڭ كىملىكىنى بۈلەمسەن

  • پېقىر2 ھەپتە ئىلگىرى

    كىرىستىيانو 7
    نەدە ماختاپتۇ ئۆزىنى؟ ئۆزىنى ماختاش دېگەن ئاۋۇ سېنىڭ ئىسمىڭدىكى ، ھېچكىم ماختىنىسىمۇ ئۆزىنى ئۆزى زورلاپ دۇنيادا بىرىنچى يەي، تارىختا بىرىنچى، ئالەمدە مەندەك توپچى يوق دەپ جار سالغانلارنى ماختىدى دەيسەن. مېنىڭ پۇتبول تېپىشتا تالانتىم بارلىقى مېنىڭ تەلىيىم دېگىنى ئۆزىنى ماختىغانغا كىرەمدا؟ مۇشۇ كاللىسى ئىشلىمەيدىغان لەقۋالارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ مەستانىمىكىن دەيمەندە...

  • زېرەك شاھزادە2 ھەپتە ئىلگىرى

    ھە ئاشۇ دۇنيانىڭ بۈرجىكى بولغان جەنۇبىي ئامرىكىدىن ياۋرۇپاغا بېرىپ ياۋرۇپانى سۈر توقاي قىلىپ رونالدونى ئاكا دىگۈزۋەتكەن پۇتپۇل شاھى مىسسى ئاشۇ شۇ كۈزۈڭنىڭ بالخانىسىنى ئېچىپ چىڭ قاراش بولمىسا مىسسىنى كۈرۈش نىسىپ بولماي ما دۇنيادىن كەتمىگىن مادرىدنىڭ قېرى تىجىمەل رونالدو مەڭگۈ 3چى ئى نىيمارغىمۇ تەڭ تۇرالماي ۋاتسا ئۇ مىسسىغا يىتىشى مۇمكىن ئەمەس ئۇ

  • كىرىستىيانو 72 ھەپتە ئىلگىرى

    قېنى مىسسىچىلار مىسسى ئۆزىنى ماختىمايدۇ. خەق ماختايدۇ داۋاتمامتىڭلار. مىسسىمۇ ئۆزىدە بارنى سۆلەپ چوڭ گەپ قىلسا تامامەن بولىدۇ. رونالدومۇ ئۆزىدە بارنى دەپ چوڭ گەپ قىلسا بولىدۇ. ئىككىلىسى ئۆزىدە بارنى سۆزلىدى. سىلەردەك خاتا ئىنكاستا بولمىدى. رونالدونى ئۆزىنى ماختىدى دېسەڭلا مىسسىمۇ بۇ يەردە ئۆزىنى ماختاپتۇ.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号